تىيانشان تورى   ›   قانۇن   ›   نىزام

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش نىزامى

(2016–يىل 9–ئاينىڭ 29–كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 –نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24–يىغىنىدا ماقۇللاندى)

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى
27 – نومۇرلۇق


‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش نىزامى›› 2016 – يىل 9 – ئاينىڭ 29 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ ھازىر ئېلان قىلىندى. 2016 – يىل 11 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئالاھىدە ئېلان چىقاردۇق.

1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ


1 – ماددا  بۇ نىزام قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق مۇھىت يارىتىش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ياخشى پەزىلەت يېتىلدۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى›› ۋە ئالاقىدار قانۇن، نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.
2 – ماددا  ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە مۇشۇ نىزام تەتبىقلىنىدۇ.
3 – ماددا  قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىدە، تەربىيە بېرىش بىلەن قوغداشنى، ئالدىنى ئېلىش بىلەن ئوڭشاشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش، ئائىلىدە، مەكتەپتە، جەمئىيەتتە ئالدىنى ئېلىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش، ئادەتتىكى ئالدىنى ئېلىش بىلەن نۇقتىلىق ئالدىنى ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك.
4 – ماددا  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىدە تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلىشى كېرەك:
(1) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى شۇ جاينىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا ھەمدە جەمئىيەتنى تۈزەش ئومۇمىي لايىھەسىگە، يىللىق خىزمەتلەرنى باھالاش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈش؛
(2) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تەربىيەلەش، يېتەكلەش، مەنپەئەتنى ماسلاشتۇرۇش ۋە ھوقۇق – مەنپەئەتنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە باشقا تەشكىلاتلارنى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ئىشلەشكە تەشكىللەش؛
(3) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى خىراجىتىنى شۇ دەرىجىلىك مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈش؛
(4) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىش، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش ۋە كېڭەيتىش، مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛
(5) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دائىر باشقا خىزمەتلەر.
5 – ماددا  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەرتەرەپلىمە تۈزەش كومىتېتى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۇنى ماسلاشتۇرۇش ئاپپاراتى قۇرۇپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتىكى ھەرتەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتىگە ياردەملەشتۈرۈشى كېرەك. ئۇنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى:
(1) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دائىر قانۇن، نىزاملارنى تەشۋىق قىلىپ ئىزچىللاشتۇرۇش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى يىرىك پىلانىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇش ؛
(2) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى يېتەكلەش، ماسلاشتۇرۇش، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش؛
(3) شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى ئەھۋالىنى دوكلات قىلىش؛
(4) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دائىر سانلىق مەلۇماتلارنى باشقۇرۇش سۇپىسى قۇرۇپ، ئۇل ئۇچۇر توپلاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەھلىل قىلىپ، ھۆكۈم قىلىش ۋە ئۇنىۋېرسال قوللىنىشنى كۈچەيتىش؛
(5) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنى مۇھاكىمە قىلىش.
رەھبەرلىك قىلىش، ماسلاشتۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ ئىش ئاپپاراتى تەڭ دەرىجىلىك كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى تەشكىلاتىدا قۇرۇلىدۇ.
6 – ماددا  قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى.
ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى شۇنىڭدەك خەلق سوت مەھكىمىلىرى، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە ياخشى ئىشلىشى كېرەك.
كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىق خەلق تەشكىلاتلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ياردەملىشىشى كېرەك.
ئائىلىلەر، مەكتەپلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى، كەنت ئاھالە كومىتېتى، شەھەر ئاھالە كومىتېتى (مەھەللىلەر) ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى بىرلىكتە ياخشى ئىشلىشى كېرەك.


2 – باب  ئائىلىدە ئالدىنى ئېلىش


7 – ماددا  قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا – ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى ۋەسىيلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ئىدىيە – ئەخلاق، پەزىلەت ۋە مەدەنىي ھەرىكەت ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش جەھەتتە تەربىيەنى كۈچەيتىپ، ئائىلە گۈزەل ئەخلاقىغا ئەھمىيەت بېرپ، ئائىلە ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ياخشى ئائىلە مۇھىتى يارىتىپ بېرىشى كېرەك.
قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا – ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى ئائىلە تەربىيەسى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ئالاقىدار قانۇن جەھەتتىكى بىلىملەرنى ئۆگىنىشى، ئۆزىنىڭ ياخشى پەزىلىتى ۋە ھەرىكەت ئادىتى ئارقىلىق قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە تەسىر كۆرسىتىشى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ پاراۋانلىق پائالىيىتىگە تەشكىللىك قاتنىشىشىنى قوللىشى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەردىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىشى كېرەك.
8 – ماددا  قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا – ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە تۆۋەندىكى مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشى كېرەك:
(1) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش، دوست تۇتۇش، ئۆگىنىش ۋە قىزىقىش ئەھۋاللىرىنى چۈشىنىش ۋە ئىگىلەش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە پائال ئالغا ئىنتىلىدىغان، ساغلام ئالغا باسىدىغان پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈش توغرىسىدا تەربىيە بېرىش ۋە ئۇلارنى يېتەكلەش؛
(2) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ بولۇپمۇ بالاغەت مەزگىلىدىكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ فىزىيولوگىيەلىك، پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكىگە ۋە جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقىغا دىققەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش؛
(3) قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئارىسىدا ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدىغان، قانۇنغا ئەمەل قىلىدىغان ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش، تورغا مەستانە بولۇشتەك ناچار ئىللىتىنى سەزگەندە ۋاقتىدا تەربىيە بېرىپ تۈزەتكۈزۈش؛
(4) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تەربىيەلىنىش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش، مەكتەپتىكى ئەھۋالىنى ئىگىلەپ تۇرۇش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تەربىيەلەش، يېتەكلەش خىزمىتىنى مەكتەپ بىلەن بىرلىكتە ياخشى ئىشلەش؛
(5) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ساغلام، ئالغا بېسىشقا ئۈندەيدىغان مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى ۋە تور ئۇچۇرلىرىنى ئاڭلاش، كۆرۈش ھەققىدە، ناچار قىلمىشقا، بەك ناچار قىلمىشقا شۇنىڭدەك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قۇترىتىدىغان، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارغا ئاڭلىق تاقابىل تۇرۇش ھەققىدە تەربىيە بېرىش ۋە ئۇلارنى يېتەكلەش.
9 – ماددا  قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا – ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى شۇنىڭدەك تۇغقانلىرى تۆۋەندىكى ھەرىكەتلەردە بولسا بولمايدۇ:
(1) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ئائىلە زۇلۇمى سېلىش، ئۇلارنى خورلاش، تاشلىۋېتىش؛
(2) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئوقۇشتىن توختاپ قېلىشقا مەجبۇرلاش ۋە ئۇنىڭغا يول قويۇش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن پايدىلىنىپ ياكى ئۇلارنى مەجبۇرلاپ سودىغا سېلىش، ئويۇن قويدۇرۇش، تىلەمچىلىك قىلدۇرۇش؛
(3) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا تەشكىللەش، ئازدۇرۇش، مەجبۇرلاش؛
(4) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ئەسەبىيزم ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئەسەبىيزم تۈسىنى ئالغان كىيىم – كېچەك كىيىشكە، بەلگە، بۇيۇملارنى تاقاشقا زورلاش، مەجبۇرلاش، ئازدۇرۇش؛
(5) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تېررورىزم، ئەسەبىيزم ھەرىكەتلىرىگە ۋە يەر ئاستى دىن ئوقۇتۇش ھەرىكىتىگە قاتنىشىشقا كۈشكۈرتۈش، زورلاش، ئازدۇرۇش، يول قويۇش؛
(6) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قانۇنغا خىلاپ باشقا جىنايى ھەرىكەت سادىر قىلىشقا كۈشكۈرتۈش، زورلاش، ئازدۇرۇش، يول قويۇش.
قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە يۇقىرىدىكى قىلمىشلارنى قىلدۇرغانلارنى ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخس توسۇشقا ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
10 – ماددا  قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا – ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تەربىيەلەيدىغان، باشقۇرىدىغان تەشكىلاتلار ياكى شەخسلەر مۇشۇ نىزامنىڭ 8 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى، ھاۋالە قىلغۇچى بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرۇشى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئالاقىدار ئەھۋاللىرى ھەققىدە پىكىرلىشىپ تۇرۇشى كېرەك.


3 – باب مەكتەپتە ئالدىنى ئېلىش


11 – ماددا  مەكتەپلەر قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارغا مىللىي بۆلگۈنچىلىككە، ئەسەبىيزم ۋە تېررورىزمغا ئاڭلىق تاقابىل تۇرۇش ھەققىدە تەربىيە بېرىپ ۋە يېتەكلەپ، ئىلىم – پەننى ھۆرمەتلەش، ھەققانىيەتنى ياقلاش، نادانلىقتىن، خۇراپاتلىقتىن يىراق تۇرۇش، ئەسەبىيلىككە تاقابىل تۇرۇشتىن ئىبارەت مەكتەپ كەيپىياتىنى يارىتىشى كېرەك.
12 – ماددا  مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچىلارنى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتىكى قانۇن بىلىملىرى ۋە پىسخولوگىيە بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىشى، پىسخىكا كەسپى بويىچە تەربىيەلەنگەن ئوقۇتقۇچىلارنى قويۇپ، پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلىشى ۋە جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيەسىنى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا قانات يايدۇرۇشى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيە پائالىيىتىنى ھەر مەۋسۇمدە ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم قانات يايدۇرۇشى كېرەك.
مەكتەپلەر قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلاردىن ئىللىتى بارلىرىنى، ئۆگىنىشتە قىينىلىپ قالغانلىرىنى ئاتا – ئانىسى ياكى ۋەسىيلىرىگە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى، ئۇلارغا قاراتمىلىقى بولغان ھالدا ئايرىم تەربىيە بېرىشى، ئۇلارنى كەمسىتمەسلىكى، تەن جازاسى بەرمەسلىكى، دەرسكە قاتنىشىشىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن توختاتماسلىقى، ئۇلارنى مەكتەپتىن چېكىندۈرۈش، مەكتەپتىن يۆتكىلىشكە مەجبۇرلىماسلىقى ياكى باشقىچە يول بىلەن مەجبۇرلىماسلىقى كېرەك.
13 – ماددا  مەكتەپلەر قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ئۆزىنى قوغداش ئېڭى ھەققىدىكى تەلىم – تەربىيەنى كۈچەيتىشى كېرەك.
مەكتەپلەردە زوراۋانلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ساقچىلار بىلەن مەكتەپ تەڭ ھەرىكەتكە كېلىپ، مەكتەپتە بوزەك قىلىش، مەكتەپتە زوراۋانلىق قىلىش ھادىسىلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى توسۇش كېرەك.
14 – ماددا  مەكتەپلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى تەجرىبىسى بار خادىملارنى قانۇنچىلىققا مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىر ياكى يېتەكچى بولۇشقا تەكلىپ قىلىشى، قانۇنچىلىق ئوقۇتۇش پىلانىنى مۇھاكىمە قىلىپ تۈزۈشكە قاتناشتۇرۇشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر مەۋسۇمدىكى قانۇنچىلىق تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىشى ئىككى سائەتتىن كەم بولسا بولمايدۇ.
15 – ماددا  مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشتىن توختاپ قېلىش ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە  ئوقۇشتىن توختاپ قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە قايتىپ داۋاملىق ئوقۇشىغا ياردەم قىلىشى كېرەك.
مەكتەپلەر قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئاتا – ئانىلار مەكتىپى، ئاتا – ئانىلار دەرسخانىسى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ئائىلە تەربىيەسى ۋە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دائىر بىلىملەرنى ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.
16 – ماددا  مەكتەپتە ھەرقانداق شەكىلدىكى دىنىي پائالىيەت مەنئى قىلىنىدۇ. ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ ئوقۇش – ئوقۇتۇش پائالىيىتىگە دەخلى يەتكۈزۈشىگە يول قويۇلمايدۇ.


4 – باب  جەمئىيەتتە ئالدىنى ئېلىش


17 – ماددا  مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى جەھەتتە تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلىشى كېرەك:
(1) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتىكى ئىدىيە – ئەخلاق، قانۇنچىلىق تەربىيەسى، پىسخىكا ساغلاملىقى قاتارلىق بىلىملەرنى دەرسلىك سىستېمىسىغا ۋە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش پىلانىغا كىرگۈزۈش؛
(2) مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسى، ئەسەبىيزم ئىدىيەسى ۋە دىنىي پائالىيەتنىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشىنى توسۇش؛
(3) مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشتىن توختاپ قېلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش بويىچە ئىش ئورنى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئورنىتىش؛
(4) ئالاقىدار تارماقلارنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللاش، ئۇنىڭغا ياردەم بېرىش.
18 – ماددا  يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى، كوچا باشقارمىلىرى كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى، شەھەر ئاھالە كومىتېتلىرى (مەھەللىلەر)نىڭ شۇ رايوندىكى بايلىقتىن پايدىلىنىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي، روھىي جەھەتتە ساغلام يېتىلىشىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان مەكتەپ سىرتىدىكى ۋە تەتىل مەزگىلىدىكى پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە مەدەت بېرىشى كېرەك.
19 – ماددا كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى، شەھەر ئاھالە كومىتېتلىرى (مەھەللىلەر) قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بارلىرىغا ھۆكۈمەت ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئارقىلىق ۋاقتىدا ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم بېرىشى كېرەك.
كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى، شەھەر ئاھالە كومىتېتلىرى (مەھەللىلەر) قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن ئوقۇشسىز قالغان، ئوقۇشتىن توختاپ قالغانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئىستاتىستىكىلاپ ۋە ئىگىلەپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا – ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى قوبۇل قىلىشىغا ھەمدە تاماملىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.
كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى، شەھەر ئاھالە كومىتېتلىرى (مەھەللىلەر) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ۋەسىيلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان ئاتا – ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرىنى تەنقىد قىلىشى، ئۇلارغا نەسىھەت قىلىشى، ئۇلارنىڭ ۋەسىيلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.
كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى، شەھەر ئاھالە كومىتېتلىرى (مەھەللىلەر) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تېررورىزم، ئەسەبىيزم ۋە يەر ئاستى دىن ئوقۇتۇش ھەرىكىتى قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلەرگە قاتنىشىشقا تەشكىللىگەن، كۈشكۈرتكەن، زورلىغان، ئازدۇرغانلىقىنى بايقىغان ھامان، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك.
20 – ماددا  خەلق سوت مەھكىمىلىرى، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى، ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگانلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى بويىچە قانۇن يۈرگۈزۈش بىرلەشمە يىغىنى تۈزۈمى ئورنىتىپ، ساقچى ئىشلىرى، تەپتىش، سوت، ئوڭشاش خىزمىتىنىڭ يانداش ۋە جىپسىلىشىش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى كېرەك.
خەلق سوت مەھكىمىلىرى، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى، ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگانلىرى قانۇنچىلىق تەربىيە بازىسى، تەقلىدىي سوت، قانۇنچىلىق دەرسخانىسى قاتارلىقلار ئارقىلىق قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىبرەت تەربىيەسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.
21 – ماددا  مەدەنىيەت، ئاخبارات – نەشرىيات – رادىيو – كىنو – تېلېۋىزىيە، خەۋەرلىشىش تارمىقى قاتارلىق تارماقلار قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان، جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقىغا پايدىلىق مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەشكە ۋە يارىتىشقا ئىلھام بېرىشى كېرەك.
قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولغان مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت ئەسەرلىرىنى ئۆزئارا تەرجىمە قىلىشقا مەدەت ۋە ئىلھام بېرىپ، مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت ئەسەرلىرىنى رەقەملەشتۈرۈپ، تورلاشتۇرۇپ تارقىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
22 – ماددا  جامائەت خەۋپسىزلىكى، مەدەنىيەت، ئاخبارات – نەشرىيات – رادىيو – كىنو – تېلېۋىزىيە، خەۋەرلىشىش تارمىقى قاتارلىق تارماقلار دائىرە نامى، IP ئادرېسى، تور بېكىتى، دەماللىق ئالاقە قورالى قاتارلىق تور بايلىقى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تور مەدەنىيىتى، تور نەشرىياتچىلىقى، تور ئۈن – سىن پىروگراممىلىرىنى تەكشۈرۈش تۈزۈمى ۋە بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.
ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسلەر تور، كۆچمە ساقلىغۇچ قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە مىللىي بۆلگۈنچىلىك، ئەسەبىيزم، تېررورىزم تۈسىنى ئالغان ئوقۇشلۇق، ئۈن – سىن ھاسىلاتى ياكى ئېلېكتىرونلۇق نەشر بۇيۇمىنى تارقاتسا بولمايدۇ.
23 – ماددا  جامائەت خەۋپسىزلىكى، مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە – پىلانلىق تۇغۇت، سودا – سانائەت، شەھەر باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق تارماقلار مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئالاقە تورىغا چىقىش مۇلازىمىتى قىلىدىغان تىجارەت سورۇنى، تىجارەتلىك تانسىخانا، تىجارەتلىك ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنچۇقخانا، لاتارىيە سېتىش ئورنى، شۇنىڭدەك قۇرامىغا يەتمىگەنلەر كىرسە بولمايدىغان باشقا تىجارەت سورۇنلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان يوشۇرۇن خەۋپنى قەرەللىك تەكشۈرۈشى ۋە تەسىرىنى تۈگىتىشى، مەكتەپ مۇھىتى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپ مۇھىتىنى ساپلاشتۇرۇشى كېرەك.
24 – ماددا  خەلق ئىشلىرى، ئەدلىيە، مالىيە، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقى قاتارلىق تارماقلار ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىجتىمائىي خىزمەت كەسپىي ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە پاراۋانلىق ئاپپاراتلىرىنى يېتىلدۈرۈپ ھەم قوللاپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىش، قانۇن ياردىمى بېرىش، پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلەش، ئىللىتىنى ئوڭشاش قاتارلىق كەسپىي مۇلازىمەتلەرنى قىلىشى كېرەك.
25 – ماددا  كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىق خەلق تەشكىلاتلىرى ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرۇپ، پىدائىيلار مۇلازىمەت قوشۇنى قۇرۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ئىدىيەۋى تەربىيە، قانۇنچىلىق تەشۋىقاتى، پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلەش، غەمخورلۇق قىلىش، يۆلەش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقى ۋە ياخشى ئەخلاق – پەزىلەت يېتىلدۈرۈشىگە پايدىلىق بولغان تەلىم – تەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىشى كېرەك.
26 – ماددا  ئالىي مەكتەپلەر، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، قانۇن مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى، پىسخىكا مەسلىھەتچىلىكى ۋە تەلىم – تەربىيە ئاپپاراتى قاتارلىق ئورۇنلار ۋە شەخسلەرنىڭ پىدائىيلار مۇلازىمىتى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئىختىساسلىقلار جەھەتتىن كاپالەتلەندۈرۈشىگە ۋە ئەقلىي مەدەت بېرىشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىلىدۇ.
27 – ماددا  مېھمانخانا مۇلازىمەتچىلىكى، يۇيۇنۇش تىجارىتى قاتارلىق تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن 16 ياشقا توشمىغانلىرىنى ياتاقتا قوندۇرسا، ئاتا – ئانىسى، باشقا ۋەسىيسى ياكى ئوقۇۋاتقان مەكتىپى بىلەن ئالاقىلىشىشى كېرەك؛ ئالاقىلەشكىلى بولمىسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك.
28 – ماددا  ھەرقانداق كىشىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا – ئانىسىنىڭ ياكى باشقا ۋەسىيسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن 16 ياشقا توشمىغانلىرىغا ئۆي ئىجارە بېرىشىگە ياكى ئۆي ئارىيەت بېرىشىگە بولمايدۇ.
تۇرمۇش ۋە ئوقۇش ئېھتىياجى بىلەن ئاتا – ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيسىنىڭ يازما ماقۇللۇقى بىلەن، ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن 16 ياشقا توشمىغانلىرىنىڭ ئاتا – ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيسى كەنت ئاھالە كومىتېتى، شەھەر ئاھالە كومىتېتى (مەھەللە) ساقچى قاراۋۇلخانىسىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى ھەمدە ۋەسىيلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئايرىم ئۆيدە تۇرۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.
ئۆي ئىجارە بەرگۈچى قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن ئۆي ئىجارە ئالغانلىرىنىڭ ناچار قىلمىشى، بەك ناچار قىلمىشى بارلىقىنى بايقىسا، توسۇشقا ھوقۇقلۇق ھەمدە ئاتا – ئانىسى، باشقا ۋەسىيسى ياكى مەكتىپى بىلەن ۋاقتىدا ئالاقىلىشىشى كېرەك؛ ئالاقىلەشكىلى بولمىسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك.


5 – باب نۇقتىلىق ئالدىنى ئېلىش


29 – ماددا ناچار قىلمىشى بار ياكى بەك ناچار قىلمىشى بار قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قارىتىلغان ئائىلە ۋەسىيلىكى ۋە مەكتەپ تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئائىلىسى، مەكتىپى بىلەن بولغان ئالاقىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى توسۇش؛ بەك ناچار قىلمىشى بار قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ مەخسۇس مەكتەپكە كىرىپ تەربىيەلىنىش، مەھەللىدە ئوڭشاش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك.
30 – ماددا  ئوقۇماي يۈرگەن، بىكار تەلەپ قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن ئوقۇش ئارزۇسى بارلىرىنىڭ كەسپىي مائارىپ ياكى داۋاملىق مائارىپ بويىچە تەربىيەلىنىشىگە ئىلھام بېرىش ۋە ئۇنى قوللاش؛ بىكار تەلەپ قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن 16 ياشقا توشۇپ، 18 ياشقا توشمىغان بولسىمۇ، ئىشقا ئورۇنلاشماقچى بولغانلىرىغا ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمىتى قىلىش كېرەك.
قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن سەرگەردان بولۇپ تىلەمچىلىك قىلىۋاتقانلىرىنى كۆزىتىش، ئالدىنى ئېلىش، بايقىغاننى دوكلات قىلىش، ياردەم بېرىش، ئارىلىشىش ھەمتۈرتكە مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، جىددىي پاناھ بولۇشنى كۈچەيتىپ، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك.
يېزىلاردىكى ئۆيدە قالغان بالىلارغا قارىتىلغان ئوقۇشتىن توختاپ قېلىشنى تىزگىنلەپ، ئوقۇشقا كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى قوبۇل قىلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش؛ ئۇلارغا بولغان قوغدىنىش تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك، ئالدىنى ئېلىش ئېڭى ۋە قوغدىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
جازا ئۆتەۋاتقانلارنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، ئۇلارغا قوشماقلىشىپ ياردەم بېرىش، پىسخىكا جەھەتتىن ياردەم بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ – يېتىلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
31 – ماددا  قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن مىللىي بۆلگۈنچىلىك، ئەسەبىيزم، تېررورىزم قاتارلىق ھەرىكەتلەرگە قاتناشقان بولسىمۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەن ياكى جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولسىمۇ، جىنايى جاۋابكارلىق يېشىغا توشمىغانلىرىغا ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، خەلق سوت مەھكىمىلىرى، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق تارماقلار يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى، كوچا باشقارمىلىرى ۋە كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى، شەھەر ئاھالە كومىتېتلىرى (مەھەللىلەر) نىڭ قوشماقلىشىپ ياردەم بېرىشى، تەربىيە بېرىشى، ئىدىيەسى ۋە ھەرىكىتىنى ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك.
32 – ماددا  قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەتچىلەر جازا ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە، ئىجرا ئورگىنى ئۇلارغا ئىدىيە، قانۇن، مەدەنىيەت ۋە كەسپىي تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيە بېرىشى ھەمدە قانۇن ياردىمى بېرىشى ۋە پىسخىكا جەھەتتىن ئوڭشىشى، قايتا جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تاماملىمىغانلىرىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى داۋاملىق قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى، ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى ۋە ئىجرا ئورگىنى سورۇن، ئوقۇتقۇچى، خىراجەت قاتارلىق جەھەتلەردىن كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.
33 – ماددا  قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن قانۇن بويىچە رېجىم جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان، جازاسىنى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش جاكارلانغان، شەرتلىك قويۇپ بېرىش كېسىم قىلىنغان، جازاسى ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىنىدىغانلىرىنى شۇ قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى مەھەللىدە ئوڭشاش ئاپپاراتى مەھەللىدە ئوڭشىشى كېرەك؛ ئولتۇرۇشلۇق جايى بىلەن دائىم تۇرۇشلۇق جايى بىردەك بولمىسا، دائىم تۇرۇشلۇق جايدىكى مەھەللىدە ئوڭشاش ئاپپاراتى مەھەللىدە ئوڭشايدۇ.
ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى مەھەللىدە ئوڭشاش خىزمىتىنى يېتەكلەش، تەشكىللەش، باشقۇرۇش، يولغا قويۇشقا مەسئۇل بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىك ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ مەھەللىدە ئوڭشاش ئاپپاراتى مەھەللىدە ئوڭشاشقا بۇيرۇلغان كىشىلەرنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ، ئۇلارغا تەربىيە بېرىدۇ ۋە ياردەم بېرىدۇ. ئەدلىيەخانىلار مەھەللىدە ئوڭشاشقا ئائىت كۈندىلىك خىزمەتلەرنى ئىشلەيدۇ.
مائارىپ، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت، خەلق ئىشلىرى، دىن ئىشلىرى تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى، شەھەر ئاھالە كومىتېتلىرى (مەھەللىلەر)، مەھەللىدە ئوڭشىلىدىغانلارنىڭ ئىشلەيدىغان ئورنى، ئوقۇۋاتقان مەكتىپى، ئائىلە ئەزالىرى ياكى ۋەسىيلىرى، كېپىللىرى مەھەللىدە ئوڭشاش ئاپپاراتلىرىنىڭ مەھەللىدە ئوڭشىشىغا ياردەملىشىدۇ.
ئىجتىمائىي خىزمەتچىلەر ۋە پىدائىيلار مەھەللىدە ئوڭشاش ئاپپاراتىنىڭ تەشكىلاتچىلىقى، يېتەكچىلىكىدە مەھەللىدە ئوڭشاش خىزمىتىگە قاتنىشىدۇ.
34 – ماددا  قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن جىنايى جازاسى ئىجرا قىلىنىپ بولغانلىرىنىڭ ئاتا – ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى مەكتەپلەر، كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى، شەھەر ئاھالە كومىتېتلىرى (مەھەللىلەر) جامائەت خەۋپسىزلىكى، ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش، تەربىيەلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ماسلىشىشى كېرەك.
ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن جىنايى جازاسى ئىجرا قىلىنىپ بولغانلىرىنىڭ قايتا ئوقۇشىغا، جازا مۇددىتى توشقان قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن 16 ياشقا توشۇپ، 18 ياشقا توشمىغان بولسىمۇ، ئىشقا ئورۇنلاشماقچى بولغانلىرىغا ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە ئۇلارنى ماھارەت بويىچە تەربىيەلىشى كېرەك.
35 – ماددا  قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن بەك ناچار قىلمىشى بار ھەمدە مىللىي بۆلگۈنچىلىك، ئەسەبىيزم، تېررورىزمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، جەمئىيەتكە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزىدىغان قىلمىشنى سادىر قىلغان بولسىمۇ، جىنايى جازاغا توشمايدىغانلىرىنىڭ ئاتا – ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيسىنىڭ باشقۇرۇش، تەربىيەلەش ئىقتىدارى ۋە شارائىتى بولمىسا، مەكتەپتە داۋاملىق ئوقۇتۇشقا ئىمكانىيەت بولمىسا، ئاتا – ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى ۋە ياكى بۇرۇن ئوقۇغان مەكتىپىنىڭ ئىلتىماسى بىلەن، ئۇلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىغا تەستىقلىتىپ، مەخسۇس مەكتەپتە ئۆگىنىشكە ۋە ئوڭشاشقا ئەۋەتىش كېرەك.


6 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى


36 – ماددا  بۇ نىزامنىڭ 8 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ۋەسىيلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان، قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن ۋەسىيلىك قىلىنىۋاتقانلارنىڭ ناچار قىلمىشى ياكى بەك ناچار قىلمىشىغا يول قويغانلارنى ئىشلەيدىغان ئورنى ياكى كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى، شەھەر ئاھالە كومىتېتلىرى (مەھەللىلەر) تەنقىد قىلىدۇ، نەسىھەت قىلىدۇ ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تەنبىھ بېرىدۇ، تۆۋىنامە يازدۇرىدۇ ھەمدە قاتتىق باشقۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ.
قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا – ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى ۋە ئۇرۇق – تۇغقانلىرىدىن مۇشۇ نىزامنىڭ 9 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىرىغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە جازا بېرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا – ئانىسى ياكى ۋەسىيسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تەربىيەلەيدىغان، باشقۇرىدىغان تەشكىلاتلار ياكى شەخسلەردىن مۇشۇ نىزامنىڭ 10 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرىغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تەنبىھ بېرىدۇ، ئۇلارنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ.
37 – ماددا  مۇشۇ نىزامدا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىدىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.
مەكتەپلەردىن مۇشۇ نىزامدا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرىنى خەلق ھۆكۈمىتى ياكى مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ.
38 – ماددا مۇشۇ نىزامنىڭ 27 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مېھمانخانا مۇلازىمەتچىلىكى، يۇيۇنۇش مۇلازىمىتى قىلىدىغان سورۇنلاردىن 16 ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ۋەسىيسى يوق ئەھۋالدا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قوندۇرۇپ قالغانلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى مۇسادىرە قىلىدۇ ھەمدە قوندۇرۇپ قالغان ھەربىر قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئۈچۈن 200 يۈەندىن يۇقىرى، 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قىلمىشى ئېغىرلىرىنى تىجارىتىنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ.
39 – ماددا  بۇ نىزامنىڭ 28 – ماددىسىنىڭ 1 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن 16 ياشقا توشمىغانلىرىغا ئۆي ئىجارە بەرگەنلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، ئىجارە بېرىشنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 200 يۈەندىن يۇقىرى، 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.
40 – ماددا دۆلەت ئورگانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ خادىملىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن  –  نىزاملار بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىدۇ:
(1) بۇ نىزامدا بەلگىلەنگەن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان، قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشنى بايقىغان بولسىمۇ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلمىغانلار؛
(2) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشقا ئائىت پاش قىلىش مەلۇماتى، خەۋەرنامىنى تاپشۇرۇۋالغان بولسىمۇ، قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلمىغانلار:
(3) ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قاتناشقان، ئۇنى قانات ئاستىغا ئالغان ياكى ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرگە خەۋەر يەتكۈزۈپ قويغانلار؛
(4) خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە – كەلمەس پايدىلىنىش، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش، نەپسانىيەتچىلىك قىلىشتەك باشقا قىلمىشى بارلار.
41 – ماددا  مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، جازا كېلىدىغان باشقا قىلمىش سادىر قىلغانلارغا ئالاقىدار قانۇن – نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە جازا بېرىلىدۇ.


7 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ


42 – ماددا  بۇ نىزام 2016 – يىل 11 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن – نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)
 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ