تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ مېڭۋېي: ئۆي باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلەش ۋەزىيىتى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىندى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3-ئاينىڭ 19-كۈنى تېلېگراممىسى. تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى خەلق سارىيىدا ئېچىلغان «مىنىستىرلار كارىدورى» دا مۇنۇلارنى بىلدۈردى، ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ ئۆي-زېمىن بازىرى ئومۇم جەھەتتىن مۇقىم ئايلاندى، ئۆي باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلەش ۋەزىيىتى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىندى، ئۆي –زېمىن بازىرىدا پائال ئۆزگىرىشنىڭ بارلىققا كېلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
    ۋاڭ مېڭۋېي مۇنداق دېدى: «كېيىنكى قەدەمدە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، <ئۆي دېگەن تۇرىدىغان يەر، ساتىدىغان نەرسە ئەمەس> تە چىڭ تۇرۇپ، تۇرالغۇ تۈزۈم ئىسلاھاتى بىلەن ئۆي-زېمىن ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئۆي-زېمىن بازىرىنىڭ مۇقىم ساغلام تەرەققى قىلىشىنى ساقلاش كېرەك». ۋاڭ مېڭۋېي يەنە مۇنداق دېدى: تەڭشەش-تىزگىنلەش نىشانىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، سالمىقىنى بوشاشتۇرماي، سىياسەتنىڭ ئىزچىللىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاش، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ سۇبيېكتىپلىق مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ پۇختىلاش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۆپ سۇبيېكىتلىق تەمىنلەش، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق كاپالەتلىك قىلىش، ئىجارە ئېلىش ۋە سېتىۋېلىش بىرلەشتۈرۈلگەن تۇرالغۇ تۈزۈمىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، تۇرالغۇ ئۆي ئىجارە ئېلىش بازىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققى قىلدۇرۇپ، يەر شارائىتىغا قاراپ ئورتاق مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە تۇرالغۇلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.
    ۋاڭ مېڭۋېي مۇنداق دېدى: چوڭ، ئوتتۇراھال، كىچىك شەھەلەرنىڭ ماسلىشىپ تەرەققى قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەپىلىك رايونلارنى ئۆزگەرتىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆي قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، تەڭشەش-تىزگىنلەش سىياسىي سىستېمىسى ۋە بازار كۆزىتىش-سىگنال بېرىش مېخانىزمىنى قۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆي-زېمىن بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئۆي-زېمىن كارخانىلىرى بىلەن ۋاسىتىچىلىك ئاپپاراتلىرىنىڭ قانۇن بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ