تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئۈلگىلىك رول ئوينايمەن

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى ئۇچۇر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى رايىگۈل تۇرغۇن

     تارىخنى بۇرمىلاشقا، ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. لېكىن، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى ئىلىم تونىغا ئورىنىۋالغان بىر ئوچۇم ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر چېگرا ئىچى – سىرتىدىكى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە ماسلىشىپ، ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› خاتا ئىدىيەسىنى ئۇستىلىق بىلەن پەردازلاپ، شىنجاڭنىڭ ‹‹ئۈچ تارىخ››ىنى بۇرمىلىدى. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ شىنجاڭنىڭ ‹‹ئۈچ تارىخ››ىنى خالىغانچە بۇرمىلاشتىكى مەقسىتى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن جۇڭخۇا چوڭ ئائىلىسىنىڭ قان بىلەن گۆشتەك يېقىن مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، ئاخىرىدا دۆلەتنى پارچىلاشتەك جىنايى مەقسىتىگە يېتىش.
     تەشكىلات خىزمىتى كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننى ئۈلگە قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي تىغمۇتىغ كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.
     ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قەتئىي قارشى تۇرۇشتا، تۆۋەندىكى بىر قانچە ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن:
     بىرىنچى، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيىتى، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى مۈشكۈل، ئېغىر ۋەزىپە ئالدىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما – تەلەپلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، خىزمەتنى ئىنچىكە، ئەمەلىي ئىشلەش بىلەن بىللە، كاللامنى ناھايىتى سەگەك تۇتۇپ، سىياسىيدا مۇتلەق سادىق بولۇپ، مەيدانىمنى قەتئىي مۇستەھكەم قىلىپ، سۆز  –  ھەرىكەتتە دىلىم بىلەن تىلىمنى بىردەك قىلىپ، ھەققانىيلىق جاسارىتىم بىلەن ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ رەزىل ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلايمەن.
     ئىككىنچى، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى ئەيىبلەش، پاش قىلىش، تەنقىدلەش پائالىيىتىنى خىزمىتىم، تۇرمۇشۇمغا سىڭدۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، تەشەببۇسكار، ياراملىق بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ گۈزەل يۇرت  –  ماكانىنى ئورتاق قوغدىشىغا تۈرتكە بولىمەن.
     ئۈچىنچى، خىزمەتلەرنى باش نىشاننى زىچ چۆرىدەش، باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىش، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاساسىدا  قانات يايدۇرۇپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى پەرقلەندۈرۈش، ئېچىپ تاشلاش ئىقتىدارىمنى ئۆستۈرىمەن، ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش جەھەتتە، ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيەلىك كادىرلار ۋە ئاممىنى تەربىيەلەش، يېتەكلەش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىمەن.
     بىز بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى ئاڭلىق قوغداپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ زور تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي، ئاڭلىق ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز، كەم – كوتسىز ئىجرا قىلىشىمىز، ئۆزگەرتىۋەتمەسلىكىمىز كېرەك. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى كۈرەشتە سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ئۈلگە بولۇپ، باشلامچىلىق، نەمۇنىلىك رول ئويناپ، باش نىشاننى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.
 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ