مەركىزى تورى خەۋىرى:بۇ يىل دۆربىلجىن ناھىيەسى شاڭخۇ بازىرىدىكى 23 كەنتتە قەرەللىك كەچلىك كۇرسلار ئېچىلدى. ئۈچ مىڭغا يېقىن كىشى كەچلىك كۇرستا تەربىيەلىنىش ئارقىلىق كەنتتىكى تايانچ كۈچلەردىن بولۇپ قالدى.
بازارلىق پارتكومنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئاستىدا ھەرقايسى كەنتتىكى كەنت كادىرلىرى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرىنى تەڭشەپ، كەنتنىڭ بىرىنچى شۇجىسى كەچلىك مەكتەپنىڭ مۇدىرلىقىنى ئۈستىگە ئېلىش، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرلىقىنى ئۈستىگە ئېلىش، پېشقەدەم كادىرلار، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەزالىرى، ئاياللار بىرلەشمىسى مۇدىرى ۋە پۇقرا تەشۋىقاتچىلارنى تايانچ ئوقۇتقۇچى قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. مۇكەممەل ئۆگىنىش پىلانى بولۇش، ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىنى تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تەشكىللىك ۋە تەرتىپلىك تەربىيەلەش قانات يايدۇرۇلدى. نۆۋەتتە، يۈزدىن ئوشۇق كادىر شاڭخۇ يېزىسى قارمىقىدىكى ئوبالى كەنتى، سەتېك كەنتى، كۆربۇلاق كەنتى قاتارلىق 15 كەنتتىكى كەچلىك مەكتەپلەردە قوشۇمچە ئوقۇتقۇچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىۋاتقان بولۇپ، ئۆگىنىشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، كەچلىك مەكتەپنىڭ رولىنى ئەڭ ياخشى سەۋىيەدە جارى قىلدۇرماقتا.
دېھقان- چارۋىچىلار نېمە ئۆگىنىشكە ئېھتىياجلىق بولسا شۇنى ئۆگىتىش پىرىنسىپى بويىچە، تۈرلۈك بىلىملەرنى قاراتمىلىق شەكىلدە ئومۇملاشتۇرۇپ كەچلىك مەكتەپنىڭ ئۈنۈمى ۋە كۆۋرۈكلۈك رولىنى دەل جايىدا جارى قىلدۇرۇش ئاساس قىلىندى. خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى، قانۇن بىلىملىرىنى چۈشەندۈرۈش ۋە تەشۋىق قىلىپ ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق خەلق ئاممىسىنى ۋەتەننى سۆيۈش، قانۇنغا رىئايە قىلىشقا يېتەكلەش؛ ئوتتىن ساقلىنىش، كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، مۇھىت ئاسراش قاتناشقا دائىر بىلىملەردىن خەۋەردار قىلىش؛ ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارقىلىق كىرىمنى كۆپەيتىش يوللىرىنى كېڭەيتىشكە ياردەم بېرىش؛ مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئۆز-ئارا يېقىن ئۆتۈپ ۋە بىر- بىرىگە تۈرتكە بولۇپ ئۆگىنىشكە ئىنتىلىدىغان كەيپىيات يارىتىلدى.