ھازىر كىشىلەرنىڭ يېمەك-ئىچمەكلىرى بارغانسېرى سەرخىللىشىۋاتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ھەرخىل كېسەللەرمۇ كۆپىيىپ، سەمىرىشتىن فىگورا سەتلىشىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈۋاتىدۇ. دائىم قارا ئاشلىق يېگەندە ساغلاملىققا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. دائىم قارا ئاشلىق ئىستېمال قىلغاندا يەنە يۇقىرى قان بېسىمى، دىيابېت كېسىلى ۋە يۈرەك، مېڭە قان-تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ خەۋپ-خەتىرى تۆۋەنلەپ، چىرايلىق ھەم ساغلام بولغىلى بولىدۇ.
كۆك پۇرچاق
كۆك پۇرچاقتا ئاقسىل، يېمەكلىك تالاسى ۋە ۋىتامىن C مول بولغاچقا، ئاشقازاننىڭ لۆمۈلدىشىنى تېزلىتىپ، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئورۇقلىتىدۇ، يەنە تېخى ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ھۆسن گۈزەللەشتۈرىدۇ. كۆك پۇرچاق تەركىبىدە كالىي بولۇپ، ئاسانلا سۇلۇق ئىششىق بولۇپ قالىدىغان دوستلار كۆك پۇرچاقنى كۆپرەك يەپ بەرسە بەدەندىكى ئارتۇقچە سۇنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلايدۇ.
قارا پۇرچاق
قارا پۇرچاق تەركىبىدىكى ساپونىن سۇ ۋە مايدا ئېرىيدىغان بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ياغ ماددىسىنى قوبۇل قىلىشىنى تورمۇزلايدۇ، قان تومۇرى دىۋارىدىكى ئارتۇقچە ماينى ئۈنۈملۈك چىقىرىپ تاشلاپ، ياغنىڭ شەكىللىنىشى كونتىرول قىلىدۇ.
قارا بۇغداي
قارا بۇغداي تەركىبىدىكى تالا ماددىسى ۋە ۋىتامىن سېمىزلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ياغ مېتابولىزمىنى تېزلىتىپ، تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدۇ، شۇنداقلا «ئۇچەي تازىلاش» تىكى ياخشى ياردەمچى، ئۇرۇقلىماقچى بولغانلار كۆپ يەپ بەرسە بارغانسېرى ئورۇقلايدۇ.
قارا گۈرۈچ
قارا گۈرۈچ تەركىبىدىكى ئاقسىلنىڭ سۈپىتى باشقا ئاشلىقتىن يۇقىرى، ياغ تەركىبى تۆۋەن، تەركىبىدە ۋىتامىن E، ۋىتامىن B، كالىي، ماگنىي، تۆمۈر قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار مول بولۇپ، ئوزۇقلۇق قىممىتى ئاق گۈرۈچكە قارىغاندا كۆپ.
كۆممىقوناق
كۆممىقوناق تەركىبىدە يىرىك تالا ماددىسى بولۇپ، ئىسسىقلىق مىقدارى بىرقەدەر تۆۋەن.