تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتلەر ئىتىپاقلىق

گو جىڭۋېننىڭ ئىككى تۇغقىنى

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ياڭ جۈنيىڭ خەۋىرى: قوبۇقسار ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ قوبۇقسار بازىرى بايىنتولغاي مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى گو جىڭۋېن 3-ئاينىڭ 13-كۈنى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىككى تېلېفوننى قوبۇل قىلدى، تېلېفون قىلغانلار ئۇنىڭ قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان ئىككى تۇغقىنى بولۇپ، بىرى ئۇنى مېھمانغا چاقىرغان، يەنە بىرى ئۇنىڭ ئۆيىگە مېھمانغا كەلمەكچى ئىدى. دوستلۇق مېھىر-مۇھەببىتى سىڭگەن بۇ ئىككى تېلېفوننى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن گو جىڭۋېننىڭ قەلبى ئىللىقلىق بىلەن تولدى.
  ئۇنى ئۆيىگە مېھمانغا چاقىرغىنى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتىگە قاتناشقاندىن كېيىن قوشماقلاشقان تۇغقىنى، بايىنتولغاي مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى جانار. 2018-يىلى 1-ئايدا تونۇشقان بولسىمۇ، گو جىڭۋېن جانار بىر ئائىلە تۆت جان بىلەن بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇشنى بۇرۇنلا ئويلاشقان ئىدى، گو جىڭۋېن جانارنىڭ ئۆيىدە ئۇلار بىلەن يېيىش، تۇرۇش، ئەمگەك قىلىش، ئۆگىنىش، پائالىيەتلەردە بىللە بولدى، جانار مۇنداق دېدى:«ئىنىم گو جىڭۋېن ئۆيىمىزگە كېلىپ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلدى، بالىلار بىلەن بىللە ئوينىدى، ئەر-خوتۇن ئىككىمىزگە دۆلەت تىلى ئۆگەتتى، بىزگە نەرسە-كېرەكلەرنى ئېلىپ بەردى، بىزگە ياردەملىشىپ ئىشلىدى، يەنە ھەر كۈنى بىزگە تۇرمۇش پۇلى بەردى، مەن بەك خىجىل بولدۇم، مەن ئۇنى ئۆيىدىكىلەر بىلەن بىللە مېھمانغا چاقىرماقچى.»
  گو جىڭۋېننىڭ ئۆيىگە مېھمانغا كەلمەكچى بولغىنى قوبۇقسار ناھىيەسى ئىك ئۇتبۇلاق چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ چارۋىچىسى خىلابېك ئىدى. گو جىڭۋېننىڭ خىلابېك بىلەن تۇغقانلاشقىنىغا ئىككى يىل بولغان ئىدى، بۇ ئىككى يىلدا ئىككىسى تاغ-دەريالاردىن ئۆتۈپ، ئېزىپ قالغان كالىلارنى ئىزدىدى؛ قىش كىرىشتىن ئىلگىرى ئوت ئورغىلى باردى؛ يازدا بىللە قۇرۇت ئەتتى. ئىككى ئائىلە كىشىلىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ ئىش بولسا ئۆز ئارا مەسلىھەتلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتتى.
  گو جىڭۋېن مەھەللىدە تۇرۇپ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتىگە قاتناشقاندىن كېيىن خىزمەت ۋەزىپىسى ئېغىر، شۇنداقتىمۇ ئىككىسى بوش ۋاقتى بولسىلا ئېكران ئارقىلىق پاراڭلىشاتتى، ئېكراندىكى گو جىڭۋېننى كۆرگەن خىلابېك مۇنداق دېدى:«جىڭۋېن ئىنىم ئورۇقلاپ قاپسىزغۇ؟» گو جىڭۋېن خىلابىكقا ئۆزىنىڭ بايىنتولغاي مەھەللىسىدە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتىگە قاتنىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى، خىلابېك گو جىڭۋېننىڭ سالامەتلىكىدىن ئەنسىرەپ قالغانلىقىنى، گو جىڭۋېننى كۆرگىلى چوقۇم كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
  گو جىڭۋېن: تۇغقانلار ئارىسىدىكى قېرىنداشلىق، دوستلۇق مېھرىنى قەدىرلەپ، ئۇلار بىلەن ياخشى ئۆتىمەن، دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ