تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ئادەم 13 ياشتىن كېيىن ئەستە ساقلاش نېرۋىلىرى قايتا ھاسىل بولمايدىكەن

    بىر بەس-مۇنازىرىدە قالغان يېڭى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسىدىكى «ئەستە ساقلاش مەركىزى» نىڭ ئاچقۇچلۇق رايونىدا، يېڭى نېرۋون  ئادەم 13 ياشتىن كېيىن ئۆسۈشتىن توختايدىكەن.
18 ياشتىن 77 ياشقىچە بولغانلارنىڭ ئەۋرىشكىسىدىن ياش نېرۋونلار بايقالمىغان.
     ئالىملار تولۇقلاپ مۇنداق دېگەن: «شۇنىسى قىزىقكى، سەقەنقۇر تېنىدە نېرۋا مەنبەسى كەمچىل بولىدىكەن، بۇ ئەھۋال سۇدا ياشايدىغان سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار (دېلفىن، دېڭىز چوشقىسى ۋە كىت) دىلا كۆرۈلىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئۆزىنىڭ غايەت زور چوڭ مېڭىسى، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغانلىقى ۋە مۇرەككەپ ھەرىكىتى بىلەن داڭق چىقارغان.»
    تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئالدىنقى تەتقىقاتلاردا يىتىلمىگەن سەقەنقۇرنىڭ نېرۋون تەكشۈرۈشىنى خاتا ئېلان قىلىپ قويغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇلارنىڭ بەلگە ئاقسىلىنىڭ ئادەم ۋە ھايۋاناتلار تېنىدىكى رولىنىڭ ئوخشىماسلىقىنى ئېچىشقا ئىشلىتىلىدىكەن.
    كانادادىكى ئەنگلىيەگە قاراشلىق كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتورى Jason Snyder بىر مۇناسىۋەتلىك خەۋەر ۋە كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان باھا سۆزىگە «بۇ بايقاش كىشىلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئىنسانلار سەقەنقۇر نېرۋىلىرىنىڭ ئۆسىشىنىڭ قۇرامىغا يىېتىش مەزگىلىگىچە داۋاملىشىدىغانلىق توغرىسىدىكى قارىشىغا روشەن سېلىشتۇرما بولۇپ قالدى» دەپ يازغان.
    ئالىملار نېرۋا توقۇلمىلىرىنىڭ ئەۋرىشكىسىنى كۆزەتكەندە، 13 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن، چىشسىمان مېڭە بۈدۈرىسى (سەقەنقۇرنىڭ بىر قىسمى) ئىچىدە يېڭى نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈپ چىقمىغانلىقىنى بايقىغان.
بۇ بايقاش ئىلگىرىكى تەتقىقات نەتىجىسىگە زىت، دېمەك بۇ سەقەنقۇرنىڭ نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن ئۆزلىكىدىن تولۇقلىنىدىغانلىقىنى، باشقا سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
    يېڭى بايقالغان ئەندىزە چوڭ تىپتىكى مۇرەككەپ چوڭ مېڭىنىڭ بەلگىسىگە ئوخشايدۇ.
    ئالىملارنىڭ بايقىشىچە، ماكاكا مايمۇنىنىڭ تېنىدە، يېڭى سەقەنقۇر نېرۋونىنىڭ يىتىلىشىنىڭ بارغانسىېرى ئازىيىۋاتقانلىقىنى بايقىغان ھەمدە دېلفىن بىلەن كىتتە سەقەنقۇر تېنىنىڭ قايتا ھاسىل بولۇشى كەمچىل دەپ قارالغان.
    كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى سان فرانسىسكو شۆبى مەكتىپىدىكى دوكتۇر Arturo Alvarea-Buylia يېتەكلىگەن ئاپتور «تەبىئەت» ژۇرنېلىدا «قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئارىسىدا، چىشسىمان نېرۋا ھۈجەيرىسىنىڭ قايتا ھاسىل بولۇشى داۋاملاشمايدۇ ياكى بۇ خىل ئەھۋال كەمدىن-كەم ئۇچرايدۇ» دەپ يەكۈنلىگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ