تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

دىڭ يوڭجې بىلەن روزىخان ئوتتۇرىسىدىكى قوشنىدارچىلىق مېھرى

روزىخان بىلەن دېڭ يوڭجېنىڭ ئايالى جوۋ خوڭيىڭ

     ئۆز خەۋىرى: سانجى شەھەرلىك نىڭبيەن يولى كوچا ئىش باشقارمىسى نىڭخې ئاھالىلەر رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق دىڭ يوڭجې ئاھالىلەر رايونى ئىچى بىر ئامبۇلاتورىيە ئاچتى.  گەرچە ئۇ كىچىك ۋاقتىدا بالىلار پارالېچ كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان،  ھەرىكەت قىلىشى ئەپسىز بولسىمۇ ئەمما ئۇ تىرىشچانلىقى بىلەن ئۆزىنىڭ قىممىتىنى ياراتقانىدى. ئۇنىڭ روزىخان سەيپۇل ئىسىملىك بىر ھەدىسى بولۇپ، روزىخان پېنسىيەگە چىققان بولغاچقا كۈندە بىكار بولسىلا ئىنىسىنىڭ يېنىغا باراتتى.

     بۇ ھەدە-ئىنى 2016-يىلى قوشنا بولغاندىن بۇيان، مۇناسىۋىتى بارغانسېرى يېقىنلىشىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ قالغانىدى.

     3-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 13:00دە، روزىخان تاماق ئېلىپ ئىنىسىنىڭ ئامبۇلاتورىيەسىگە كەلدى. دىڭ يوڭجې بىلەن ئايالى ھەدىسى ئېلىپ كەلگەن ئوخشىغان پولۇنى ھۇزۇرلىنىپ يېدى.

     قار ياغقانلىقى ئۈچۈن ئامبۇلاتورىيەنىڭ ئىچى بەك مەينەت بولۇپ كەتكەنىدى. دېڭ يوڭجې ئەر-ئايال ئالدىراشلىقتىن يەرنى سۈرتۈشكىمۇ ئۈلگۈرمىگەنىدى. ئىنىسىنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قارىماي روزىخان ئامبۇلاتورىيەنىڭ ئىچىنى تازىلاشقا باشلىدى.

     دېڭ يوڭجېنى خوشال قىلىدىغان ۋە بەخت ھېس قىلدۇرىدىغان ئىش شۇكى، قانچە ئالدىراش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تاماق ۋاقتى بولسىلا ئۇ ھەدىسى ئېتىپ كەلگەن ئىسسىق تاماققا ئېغىز تېگەتتى.

     روزىخان مۇنداق دېدى: ئەر-ئايال ئىككىلىسى دوختۇر، ئۇلار ئاھالىلەر رايونىدىكى ئاممىنىڭ كېسىلىنى كۆرۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، تاماق يېيىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەي قالىدۇ. شۇڭا ئادەتتە ئىشىم بولمىسىلا ئۇلارغا تاماق ئېتىپ ئەكىلىمەن. ئۇلار كېسەل داۋالىدۇق دەپ ئۆزلىرى ئاغرىپ قالسا بولمايدۇ.

    خىزمەت ئالدىراشلىقىدا دېڭ يوڭجى ۋە ئۇنىڭ ئايالى ئىككى بالىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالمايتتى. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان روزىخان بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئىشىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى.

     دېڭ يوڭجېنىڭ ئايالى جوۋ خوڭيىڭ مۇنداق دېدى: بالىلار مەكتەپتىن قايتىپلا ھەدەمنىڭ ئۆيىگە بارىدۇ. ئۇ بالىلارغا پولۇ، شورپا دېگەندەك تاماقلارنى ئېتىپ بېرىپ، ئۇلارنى بەك ياخشى باقىدۇ. ئۇ يەنە بالىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە ياردەملىشىپ، تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلىتىدۇ.

     بىر قېتىم دېڭ يوڭجى ئەر-ئايال ئىشقا كېتىپ، ئۇلارنىڭ ئۆيىدىن سۇ چىقىپ كېتىدۇ. ئۇ دېڭ يوڭجىنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويغاندىن كېيىن، ئەر-ئايال ئىككىسى قايتىپ كەلگۈچى ئۆزى غوجىلىق بۆلۈمدىن ئادەم چاقىرىتىپ بۇزۇلغان جاينى رېمونت قىلدۇرۇپ ئۆيلەرنى تازىلايدۇ.

     جوۋ خوڭيىڭ مۇنداق دېدى:  بۇنىڭدەك ئىشلار بەك كۆپ. روزىخان ھەدەم نۇرغۇنلىغان قولۇم-قوشنىلارغا ياردەم قىلغان، ئۇ دائىم «يىراقتىكى تۇغقاندىن يېقىندىكى قوشنا ئەلا» دەيدۇ. مۇشۇنداق بىر قوشنىمىزنىڭ بولغانلىقىدىن ھەقىقەتەنمۇ خوشالمىز.

    دېڭ يوڭجې ئەر-ئاياللا ئەمەس نىڭخې ئاھالىلەر رايونىدىكى ھەممەيلەن روزىخاننىڭ ئىسمى چىقسا باش بارمىقىنى چىقىرىشىدۇ.

     يىراق سەپەرگە چىقماقچى بولغان قولۇم-قوشنىلار ئۆيىدىكى توك، سۇ، پاردىن خاتىرجەم بولالماي قالسا ئۆيىنىڭ ئاچقۇچىنى روزىخانغا تاپشۇرۇپ، ئۆيلىرىنى خاتىرجەم ھالدا ئۇنىڭغا ھاۋالە قىلىپ قويۇپ كېتىۋېرىدۇ. ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە بۇ ئاھالىلەر رايونىدىكى قولۇم-قوشنىلار تېخىمۇ ئىجىل-ئىناق ئۆتىدىغان بولدى. چاغانلاردا بىر-بىرىنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ چاغاننى مۇبارەكلەشتى. ئوخشىغان تاماقلىرى بولسا روزىخان ھەدىگە سۇناتتى.

     روزىخاننىڭ ئېيتىشىچە، باشقىلارغا ياردەم قىلىش ئۇنىڭ ئادىتىگە ئايلانغان.

     ئۇنىڭ خاتىرىسىدە، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى قولۇم-قوشنىلار بىلەن مۇشۇنداق ياخشى ئۆتەتتى. كىچىك ۋاقىتلىرىدا، قولۇم-قوشنىلار قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى كۈچىنىڭ بارىچە ياردەم قىلاتتى. بۇلارنىڭ ئائىلىسى قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، باشقىلار ياردەم قولىنى سۇناتتى.

     ئۇ مۇنداق دېدى: نۇرغۇن ئىشلاردا بىر ئادەمنىڭ كۈچى ئازلىق قىلىدۇ. كۆپچىلىك بىرلەشكەندىلا، ھەرقايسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلاشقاندىلا قىلالمايدىغان ئىشىمىز، يېڭەلمەيدىغان قىيىنچىلىقىمىز بولمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ