تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

دۆلەتنىڭ رولچىسى، خەلقنىڭ يولباشچىسى

  چوڭ دۆلەتنىڭ يەلكەن چىقىرىپ يىراق سەپەرگە ئاتلىنىشى رولچىدىن ئايرىلالمايدۇ، مىللەتنىڭ گۈللىنىش مۇساپىسى يولباشچىغا موھتاج.

  باھار شامىلى پۈتكۈل كائىناتنى يېشىللىققا پۈركىگەن گۈزەل پەسىلدە، 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنى ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت ئاپپاراتى رەھبەرلىرىنى سايلاپ چىقتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى. بۇ، پارتىيە ئىرادىسى، خەلق ئىرادىسى، دۆلەت ئىرادىسىنىڭ يۈكسەك بىرلىكىنى تولۇق نامايان قىلدى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ۋە قەلب ساداسىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈردى، بۇ، مىليونلىغان خەلقنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، بىر مەقسەتتە بولۇپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ ۋە سەپەرۋەر قىلىدۇ.

  ۋاقىت ئۇلۇغ پۈتۈكچى، شۇنداقلا ئاجايىپ كۈرەش مۇساپىسىنىڭ گۇۋاھچىسى. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مۈشكۈل، ئېغىر ئىچكى ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋەزىپىسى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەلنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، غايەت زور سىياسىي جاسارىتى ۋە كۈچلۈك تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن، ‹‹بەش بىر گەۋدە›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. قىسقىغىنا بىرقانچە يىلدا، بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنى ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا قويدى، بىر قاتار زور فاڭجېن – سىياسەتلەرنى ئارقا – ئارقىدىن چىقاردى، بىر قاتار زور تەدبىرلەرنى كەينى – كەينىدىن يولغا قويدى، بىر قاتار مۇھىم خىزمەتلەرنى ئەمەلىي ئالغا سىلجىتتى، ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلماقچى بولسىمۇ، ھەل قىلىپ بولالمىغان نۇرغۇن قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلدى، ئىلگىرى ۋۇجۇدقا چىقارماقچى بولسىمۇ، ۋۇجۇدقا چىقىرالمىغان نۇرغۇن چوڭ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقاردى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان تارىخىي سەكرەشنى ئىشقا ئاشۇرالىشىنىڭ تۈپ سەۋەبى دەل يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىن، يېڭى ئۇلۇغ كۈرەش ئەمەلىيىتىدە يولداش شى جىنپىڭدىن ئىبارەت پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىنىڭ كۈچلۈك يېتەكچىلىكىدىن بولدى.

  ‹‹تۈمەنلىگەن ھەيۋەتلىك تاغلار ئارىسىدا جەزمەن ئاساسىي چوققا بولىدۇ››. ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق، ئىچكى ئىشلار، دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى، پارتىيەنى، دۆلەتنى، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۇلۇغ ئەمەلىيەتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىش، ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈشتىكى داھىيلىق سالاپىتىنى تولۇق نامايان قىلدى، دۆلەتكە، خەلققە رىشتە باغلاشتەك ئىنسانىي پەزىلىتىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى، ماركسىزملىق سىياسىيونلارنىڭ سىياسىي ئەقىل – پاراسىتى ۋە ئاجايىپ قابىلىيىتىنى تولۇق ئىپادىلىدى. خەلقنى مەركەز قىلىشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، باشتىن – ئاخىر خەلقنىڭ چاكىرى بولدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ خەلققە چوڭقۇر مۇھەببەت باغلاپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، پارتىيە، دۆلەت، خەلقنى تايانچقا ئىگە قىلدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ بەرپاچىسى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ رولچىسى بولۇپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ھىمايىسىگە، خەلقنىڭ قەدىرلىشىگە ئېرىشكەن داھىي بولۇشقا، دۆلەتنىڭ رولچىسى، خەلقنىڭ يولباشچىسى بولۇشقا مۇناسىپ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت رەئىسلىكىگە، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلىنىشى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ رەھبىرىدىن ئىبارەت ‹‹ئۈچ بىر گەۋدىلەشكەن›› رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنىڭ تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرمىسىنى گەۋدىلەندۈردى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۆزگىچە سىياسىي ۋە تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلدى، بۇ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشكە، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداشقا پايدىلىق بولۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا سۈرەتلەنگەن ئۇلۇغۋار پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پۇختا سىياسىي ئاساس، تەشكىلىي ئاساس سالدى.

  جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ھەرگىزمۇ داقا – دۇمباق چېلىپ، ھە – ھۈ بىلەنلا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. ئىلگىرىلەش يولىدا، ‹‹تۆت چوڭ سىناق››، ‹‹تۆت خىل خەۋپ – خەتەر›› يەنىلا مەۋجۇت، تەرەققىياتتىكى كەمتۈكلۈك تولۇقلاشنى كۈتمەكتە، خەۋپ – خەتەر، خىرىسلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش زۆرۈر. يېڭى دەۋر كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ دەۋرى. يېڭى بۇرچنى زىممىمىزگە ئېلىپ، يېڭى مۇساپىگە ئاتلاندۇق، ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتتىكى ئومۇمىيەتكە چېتىلىدىغان تارىخىي ئۆزگىرىش بىزدىن يېڭى كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى نەتىجىلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى، جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۈكسىلىشى، خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەخىرسىزلىك بىلەن كۈتمەكتە. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، يېقىندىن ئەگىشىپ، يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلىگەندىلا، بىر مەقسەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى پۈتكىلى بولىدۇ.

  كۈچ بىرلىكتە، ئىش ئۆملۈكتە، ھەممە بىر مەقسەتتە بولسىلا، تەيشەن تېغىنىمۇ يۆتكىگىلى بولىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا تارىختىكى ھەرقانداق دەۋردىكىدىن يېقىنلاشتۇق، بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تارىختىكى ھەرقانداق دەۋردىكىگە قارىغاندا كۈچلۈك ئىشەنچ ۋە ئىقتىدارغا ئىگىمىز. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن كۈرەش قىلساقلا، ھەر قانداق قىيىنچىلىق ئۈستىدىن غالىب كېلەلەيمىز، ھەر قانداق مۆجىزىنى يارىتالايمىز.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 – ئاينىڭ 17 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ