تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

يۈز چاپلىقىغا ئائىت بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار

    ئەتىياز يېتىپ كېلىشى بىلەن گۈزەللكىكنى سۆيىدىغان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يۈز چاپلىقى چاپلاش قېتىم سانى بارغانسىرى ئېشىپ بارماقتا. ئەمما شۇنىڭغا ئەگىشىپ بازارلاردىمۇ ھەر خىل تۈر ۋە ماركىدىكى يۈز چاپلىقىنىڭ كۆپىيىشى كىىشلەرنى گاڭگىرىتىپ قويدى، بەزى كىشىلەردە ھەتتا يۈز چاپلاق چاپلىغاندىن كېيىن تېرە زىيادە سىزىمچانلىشىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلدى. نېمە ئۈچۈن يۈز چاپلىقى چاپلىغاندىن كېيىن يۇقىرىقىدەك تېرە مەسىلىلىرى كېلىپ چىقىدۇ؟

    جۇڭنەن ئۇنىۋېرسىتېتى شياڭيا 3-دوختۇرخانىسى تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ پروفېسسورى چىڭ جىن مۇنداق دېدى: چاپلاقنىڭ ئۈنۈمىنىڭ بار-يوقلۇقى ئاساسلىقى يۈز چاپلاقنىڭ تەركىبى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تېرىگە سۇ تولۇقلاشنى ئويلىسىڭىز تەركىبىدە ئاساسلىقى گىئالۇرونىك كىسلاتا، گىئالۇرون كىسلاتا، كوللاگېنلىق ئاقسىل، نەملىك ساقلاش فاكتورى، ئالۇي يىلىمى قاتارلىقلار بار يۈز چاپلاقنى چاپلاڭ. ئەگەر تېرىڭىزنى ئاقارتماقچى بولسىڭىز مېۋە كىسلاتاسى، ئاربۇتىن، چۈچۈكبۇيادىن ئايرىپ ئېلىنغان ماددىلار بار يۈز چاپلاقنى چاپلاڭ. يۇقىرىقى تەركىبلەرنىڭ نەملىك ساقلاش، ئاقارتىش رولى شۇنداقلا ماتېرىيال تەننەرخى ئوخشىمايدۇ، نەملىك ساقلاش ۋە سۈمۈرۈلۈش دەرىجىسىمۇ ئوخشىمايدۇ.

    ئەمما ئاقارتىش ئۈنۈمىگە ئۇنچە تېز يەتكىلى بولمايدۇ. ئەگەر ئاقارتىش يۈز چاپلىقىنى چاپلىغاندىن كېيىن دەرھاللا تېرە ئاقىرىپ كەتسە، ئۇنداقتا يۈز چاپلاقنىڭ تەركىبىدە فىلۇئورېسسېنسىيە رېئاكتىپى بار بولۇشى مۇمكىن.
    فىلۇئورېسسېنسىيە رېئاكتىپى ئادەمگە دەرھاللا ئاقارغاندەك خاتا تۇيغۇ بېرىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ بىر خىل ئاجىز زەھەرلىك ماددا بولۇپ، ئۇزۇن مەزگىل ئىشلەتكەندە تېرىگە يىغىلىپ قېلىپ، زىيادە سېزىمچانلىقنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇزۇن مەزگىل كۆپ چاپلىغاندا بۆرەك ئىقتىدارى ۋە قان سىستېمىسىنى زىيانغا ئۇچرىتىپ، ئورگانىزىمنىڭ ئېممۇنىتېت كۈچىنى ئاجىزلىتىپ، يارا ئېغىزىنىڭ پۈتۈشىنى قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدۇ. فىلۇئورېسسېنسىيە رېئاكتىپى بىر خىل يوشۇرۇن راكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىل بولۇپ، ھۈجەيرە ئۆزگىرىشىنى پەيدا قىلىدۇ. تېرە بۆلۈمىدە «Wood چىرىغى» دەپ ئاتىلىدىغان كىچىك ئەسۋاب بار بولۇپ، يۈز چاپلىقىنى يۈزگە چاپلىغاندىن كېيىن «Wood چىرىغى» دا تەكشۈرگەندە ئەسۋاب يورۇپ كەتسە، يۈز چاپلىقىنىڭ تەركىبىدە فىلۇئورېسسېنسىيە رېئاكتىپى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

    بۇنىڭدىن سىرت، تېرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يۈز چاپلاقلارغا بەزى سودىگەرلەر ھورمون قوشقان بولۇشى مۇمكىن. ھورموننىڭ ئەسلىدىنلا ياللۇغنى قايتۇرۇش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش رولى بار بولۇپ، قىسقا مۇددەت ئىشلەتسە ئەكس تەسىرى كۆرۈلمەيدۇ. ئەگەر ئىستېمالچىلار بۇنىڭدىن خەۋەرسىز ئەھۋالدا ئۇزۇن مەزگىل ئىشلەتسە، ھورمونغا تايىنىۋېلىش خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇشى ھەمدە يۈز قىزىرىش، ئىنچىكە قىلدام قىزىل تومۇرلار كۆرۈنۈپ قېلىش، تېرە تارتىشىش، قىچىشىش قاتارلىق ئەھۋاللار كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.
     ئەگەر ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان يۈز چاپلاقنى سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، ياخشىسى مۇنتىزىم دوختۇرخانىلارغا بېرىپ، تېرە كېسەللىكلىرى دوختۇرىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ياكى بىخەتەر بولغان دوختۇرلۇقتا ئىشلىتىدىغان تېرە ئاسراش مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ