تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

تويوتانىڭ يېڭى تىپتىكى «خەنلەندا» ئاپتوموبىلى رەسمىي بازارغا سېلىندى

  ئىگىلىنىشىچە، تويوتانىڭ 2018-يىللىق «خەنلەندا» ئاپتوموبىلى يېقىندا رەسمىي بازارغا سېلىنغان بولۇپ، بۇ ئاپتوموبىلغا 2.0T موتور سەپلەنگەن. «گۇاڭچى» تويوتا ئاپتوموبىل مەسئۇلىيەت چەكلىك شىركىتى بۇ ئاپتوموبىلنىڭ جەمئىي سەككىز خىل نۇسخىسىنى بازارغا سالغان بولۇپ، بۇ ئاپتوموبىللارنىڭ سېتىلىش باھاسى 239 مىڭ 800 يۈەندىن 330 مىڭ 800 يۈەنگىچە ئىكەن. بۇ ئاپتوموبىلنى 2017-يىللىق «خەنلەندا» ئاپتوموبىل تىپىغا سېلىشتۇرغاندا، «گۇاڭچى» تويوتا ئاپتوموبىل مەسئۇلىيەت چەكلىك شىركىتى ئەسلىدىكى 3.5L موتورلۇق ئاپتوموبىل تىپىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئاپتوموبىل ئالدىغا يېڭى لايىھەلەش قوللىنىپ، ئاپتوموبىل ئىقتىدارىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ