تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

‎ ‎مېھىر-شەپقەت بۇيۇملىرى ئاممىنىڭ كۆڭلىنى ئىللىتتى ‏

  مۇخبىرىمىز پاڭ شۆفاڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋاڭ جۈنچى خەۋىرى. شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يەكەن ناھىيەسى ياقائېرىق يېزىسى ۋە زەرەپشات يېزىسىدا تۇرۇشلۇق ئالتە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر 3-ئاينىڭ 17-كۈنى «جاڭ يەن مېھىر-شەپقەتلىك بىر ئائىلە كىشىلىرى» مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش ئىئانە پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، پائالىيەتتە ئىئانە ئارقىلىق توپلانغان 36 سومكىغا قاچىلانغان 3500 گە يېقىن كىيىم-كېچەك ۋە بۇيۇم يەرلىكتىكى نامرات ئاھالىلەرگە تارقىتىپ بېرىلدى.

  ئىئانە پائالىيىتى نەق مەيدانىدا كەنت ئاھالىسى ھۆرىخان يېڭى كىيىمىنى سىنىغاچ: «چوڭ-كىچىكلىكى دەل كەلدى، بۇ يېڭى كىيىمنى كىيىپ كۆڭلۈم بەك ئىللىدى، پارتىيە ۋە دۆلىتىمىزنىڭ سىياسەتلىرى ناھايىتى ياخشى، كەنتتىكىلەر يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى، يەنە دائىم مۇشۇنداق ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق غەمخورلۇققا ئېرىشىپ كەلدۇق، كەنتتىكىلەرنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشى بولۇۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن مەنمۇ گۈزەل ۋە بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشىش ئۈچۈن بىر جۈپ قولۇمغا تايىنىپ ئەمگەك قىلىپ تىرىشمەن» دېدى.

  شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياقائېرىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى شۇ كۈنى كەنت ئاھالىلىرىگە يەنە 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق قىممەتتىكى ئەينەك، تام ئاسما رەسىمى ۋە كالىندار قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى تارقاتتى.

  شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتى بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى، ياقائېرىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جىيۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: سانجى شەھىرىنىڭ «جاڭ يەن بىر ئائىلە كىشىلىرى» مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش ئىشخانىسىنىڭ پىدائىيلار مۇلازىمەت خادىملىرى 3-ئاينىڭ بېشىدىلا كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىنكى ئەھۋاللىرىنى بىلگەندىن كېيىن، پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، جايلاردىن توپلىغان كىيىم-كېچەك ۋە بۇيۇملارنى ئوراپ يەكەن ناھىيەسىگە ئېلىپ بېرىپ، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئارقىلىق نامرات ئائىلىلەرگە ئىئانە قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ