يېقىندا، تۇغۇت تەكشۈرتۈشى قىلغان، ھامىلىدار بولغىنىغا تۆت ئاي بولغان شياۋمىڭ تۇغۇت بۆلۈمى دوختۇرىدىن زىيادە سېزىمچانلىق ھەققىدە مەسىلىھەت سورىدى.
شياۋمىڭ: دوختۇر، مەندە زىيادە سېزىمچانلىق بار، نۇرغۇن يېمەكلىكلەرنى يېسەم رېئاكسىيە قىلىدۇ، مەندىكى زىيادە سېزىمچانلىق بالامغىمۇ ئېرسىيەت قالارمۇ؟
دوختۇر: زىيادە سېزىمچانلىق ئېرسىيەت قالىدۇ، بەزى زىيادە سېزىمچانلىق بىۋاسىتە قانداشلىق مۇناسىۋىتى بارلارغا ئېرسىيەت قالسا، يەنە بەزى ئېرسىيەتلەر بىر نەچچە ئەۋلاد ئاتلاپ ئېرسىيەت قالىدۇ. ئەگەر ئاتا-ئانىلار ئىچىدە بىرىنىڭ زىيادە سېزىمچانلىقى بولسا، ئۇنداقتا پەرزەنتىگە ئېرسىيەت قېلىش ئېھتىماللىقى %50 تىن تۆۋەن بولىدۇ، ئەگەر ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە زىيادە سېزىمچانلىق بولسا، ئۇنداقتا پەرزەنتلەرگە ئېرسىيەت قېلىش ئىھتېماللىقى %50 تىن يۇقىرى بولىدۇ. يەنە كېلىپ، ئانا تېنىدىكى زىيادە سېزىمچانلىقنىڭ بالىغا ئېرسىيەت قىلىش ئېھتىماللىقى ئاتىدىن بالىغا ئېرسىيەت قېلىش ئېھتىماللىقىدىن ئىككى ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ، دېمەك بۇ ئانىلار تېنىدىكى زىيادە سېزىمچانلىقنىڭ بالىلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئاتىلارنىڭكىدىن خېلىلار زور.
شياۋمىڭ: ئۇنداقتا بۇ ئەھۋالنى ئۆزگەرتىشكە ئامال بارمۇ؟
دوختۇر: ھامىلىدىكى زىيادە سېزىمچانلىق ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، ئانىلار ھامىلىدار ۋاقتىدا ۋە تۇغۇتتىن كېيىن بۇ ئۈچ ئىشنى قىلىشى كېرەك.
شياۋمىڭ: قايسى ئۈچ ئىشنى؟
دوختۇر: بىرىنچىسى، ھامىلىدار مەزگىلدە ئانىلار زىيادە سېزىمچانلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشتىن ساقلىنىشى كېرەك، ئەگەر ئېغىر دەرىجىدە زىيادە سېزىمچانلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ئۇنداقتا زىيادە سېزىمچانلىق بالا ھەمرىيىدىن ھامىلىگە يېتىپ بېرىپ، ھامىلىنىڭ ئېممۇنىتېت سىستېمىسى بۇ خىل ئانافىلاكتوگېننى خاتىرلىۋالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھامىلە تۇغۇلغاندىن كېيىن بۇ خىل ئانافىلاكتوگېنگە ئۇچرىسا زىيادە سېزىمچانلىق رېئاكسىيەسى كۆرۈلىدۇ.
ئىككىنچىسى، ھامىلىدارلاردىكى زىيادە سېزىمچانلىق كۆپىنچە ئەھۋاللاردا يېمەكلىك رېئاكسىيە قىلىشتىن قوزغىلىدۇ، شۇڭا يېمەكلىك جەھەتتە كۆپرەك دىققەت قىلىپ، زىيادە سېزىمچانلىقنى قوزغايدىغان يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك كېرەك.
ئۈچىنچىسى، بالىلار تۇغۇلغاندىن كېيىن ئىمكانبار ئانا سۈتىدە بېقىش ھەمدە دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، ئۈچكىلىك مېۋىلەر (مېغىزلىق مېۋە)، تۇخۇم قاتارلىق زىيادە سېزىمچانلىقنى قوزغايدىغان يېمەكلىكلەرنى ھەمدە ئانىغا ئەسلىدىنلا رېئاكسىيە قىلىدىغان يېمەكلىكلەرنى يېگۈزمەسلىك كېرەك.
شياۋمىڭ: ئەگەر، بالامغا مېنىڭ تەن سەزگۈرلىكىم ئېرسىيەت قالغان بولسا، يۇقىرىقىلارنىڭ يەنە رولى بارمۇ؟
دوختۇر: بالىلار ئانافىلاكتوگېن بىلەن قانچە كېيىن ئۇچراشسا، رېئاكسىيە شۇنچە ئاز يۈز بېرىدۇ. بۇ كىلىنكىدا خېلى بۇرۇنلا بايقالغان بولۇپ، قانچە بالدۇر سۈت ئىچىپ ۋە تۇخۇم يېيىشكە باشلىغان بالىلارنىڭ زىيادە سېزىمچانلىقى شۇنچە بالدۇر قوزغىلىدۇ.
شياۋمىڭ: ئەگەر مەندە زىيادە سېزىمچانلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، زىيادە سېزىمچانلىققا قارشى دورىلارنى يېسەم بولامدۇ؟
دوختۇر: كونكرېتنى ئەھۋالنى كونكرېتنى تەھلىل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، مەسىلەن كالتسىي گىلۇكوناتقا ئوخشاش دورىلارنىڭ ھامىلىدارلارغا زىيىنى يوق بولغاچقا، بۇ خىل دورىنى يېسە زىيادە سېزىمچانلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان تېرە قىچىشىشقا پايدىلىق. ئەمما گىستامىنغا قارشى زىيادە سېزىمچانلىق دورىلىرى ھامىلىدارلارغا زىيانلىق، بولۇپمۇ ھامىلىدارلىقنىڭ ئالدىنقى ئۈچ ئېيىدا بۇ خىل دورىلارنى يېيىشكە بولمايدۇ.