ئۆز خەۋىرىمىز: مۇخبىرنىڭ 3-ئاينىڭ 17-كۈنى يوپۇغا ناھىيەلىك ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ تېخنىك خادىمى ليۇ خۇڭجۈندىن ئىگىلىشىچە، يوپۇغا ناھىيەسىدىكى 240 مىڭ تۈپ ئەنجۈر كۆچىتى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى ئاساسىي جەھەتتىن قەلەمچە قىلىپ تىكىلىپ بولغان. ئەنجۈر كۆچىتىنى يېتىشتۈرۈش مەزگىلى تاماملانغاندىن كېيىن، يوپۇغا ناھىيەسى ھەر قايسى يېزا-بازارلاردىكى دېھقان ئائىلىلىرىگە بۇ كۆچەتلەرنى بىر تۇتاش تارقىتىپ، كۆپ مىقداردا ئەنجۈر تېرىش ئارقىلىق كەسىپلەر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.
يېقىندىن بۇيان، يوپۇغا ناھىيەلىك ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى 240 مىڭ تۈپ ئەنجۈر كۆچىتىنى بۇ يەردە يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن، ھەر كۈنى پارنىك قۇرۇلۇشى، يەر تۈزلەش، تۇپراق بوشىتىش، سۇلياۋ يوپۇق يېپىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى ئەنجۈر كۆچىتىنى يېتىشتۈرۈش خىزمىتى تاماملانغاندىن كېيىن، يوپۇغا ناھىيەسى 2019-يىلى 3-ئايدا بۇ ئەنجۈر كۆچەتلىرىنى ھەر قايسى يېزا-بازارلارغا تارقىتىپ، يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ ئەنجۈرلۈك كۆلىمىنى يەنىمۇ كۆپەيتىپ، كۆلەملەشكەن، كەسىپلەشكەن پۇختا ئاساسنى شەكىللەندۈرىدىكەن. ئەنجۈر كۆچەتلىرى مېۋىگە كىرگەندىن كېيىن، ئەنجۈرنى بىۋاستە سېتىپلا قالماستىن، يەنە ئەنجۈر مۇرابباسىغا ئوخشاش قوشۇمچە مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىپ، كەسىپ زەنجىرى ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، بېيىشىغا تۈرتكە بولىدىكەن.