تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

2018-يىللىق ئاۋىياتسىيە مۇلازىمىتى، ئاۋىياتسىيە ئامانلىق قوغداش كەسپى ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش باشلىنىدۇ

    ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى، مۇخبىرنىڭ تۈنۈگۈن ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان تەتقىقات ئورنىدىن ئىگىلىشىچە، جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيە ئىنستىتۇتى جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ شىنجاڭ تارماق شىركىتى بىلەن كېلىشىم ئىمزالىغان بولۇپ، 2018-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا بىرلىكتە ئاۋىياتسىيە مۇلازىمەت كەسپى ۋە خەلق ئاۋىياتسىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش كەسپى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىكەن، ئوقۇغۇچىلار مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ تارماق شىركىتىگە نىشانلىق قوبۇل قىلىنىدىكەن.
    ئىگىلىنىشىچە، 2018-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا دۆلەت تىلىدا ئىمتىھان بەرگەن، 1997-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى (9-ئاينىڭ 1-كۈنىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دىن كېيىن تۇغۇلغان، ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي پەن بويىچە ئوقۇش پۈتكۈزگەن ياكى ئوقۇش پۈتكۈزۈش ئالدىدىكى ئوقۇغۇچىلار (ئىنگلىزتىلىنى ئاساس قىلىدۇ) تىزىملاتسا بولىدىكەن. بوي ئېگىزلىكى 175 سانتىمېتردىن 185 سانتمېترغىچە بولغان ئوغۇللار، بوي ئېگىزلىكى 164 سانتمېتردىن 173 سانتمېترغىچە بولغان قىزلار خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئايروپىلان خادىملىرى سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىكەن. ئىمتىھانغا تىزىملاتقۇچىلار جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيە ئىنستىتۇتىنىڭ ھەق تاپشۇرۇش سۇپىسى يەنى http://cwjfw.cafuc.edu.cn/payment/ دا تىزىمغا ئالدۇرۇپ ھەق تاپشۇرغاندىن كېيىن، ھەق تاپشۇرغانلىق ئىسپاتىغا ئاساسەن نەق مەيداندا تىزىمغا ئالدۇرۇش جەدۋىلىنى ئېلىپ يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا قاتناشسا بولىدىكەن (توردا ھەق تاپشۇرۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىغانلار نەق مەيدانغا كېلىپ ھەق تاپشۇرسىمۇ بولىدۇ).
    مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ھاۋا مۇلازىمەت كەسپى (جىنسى چەكلەنمەيدۇ)، خەلق ئاۋىياتسىيەسى ھاۋا بوشلۇقىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش كەسپىگە (ئوغۇللار قوبۇل قىلىنىدۇ) قوبۇل قىلىنىدىغانلارنىڭ سانى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان تەتقىقات ئورنى ئەڭ ئاخىرىدا جەمئىيەتكە ئېلان قىلغان پىلان ۋە سان بويىچە بېكىتىلىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيە ئىنستىتۇتى جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى تارماق شىركىتىگە زاكاز خاراكتېرىدە تەربىيەلەپ بېرىدىغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ تىزىملىكىنى جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ تارماق شىركىتى جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيە ئىنستىتۇتىغا مەلۇم قىلىدىكەن، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ تارماق شىركىتى زاكاز بويىچە خىزمەتچى قوبۇل قىلىدىكەن. قوبۇل قىلىنغانلارنىڭ ئوقۇش مۇددىتى ئۈچ يىل بولۇپ بىلەن، ئالىي تېخنىكوم ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولىدىكەن.
    نەق مەيداندا تىزىملىتىش، يۈز تۇرا ئىمتىھان بېرىش، سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ۋاقتى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى سائەت 16:00-10:00 (بېيجىڭ ۋاقتى) گىچە، ئورنى ئۈرۈمچى شەھىرى مەرھابا يولى 1341-نومۇر جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى مەدەنىيەت مەركىزىدە. ئالاقىلىشىش نومۇرى: 3804015-0991، 3804017، 3804608.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ