مۇخبىرىمىز دەي ۋاڭفاڭ خەۋىرى: يېقىندا ئىۋىرغول رايونى ئېدىر يېزىسى قويلۇق مەھەللىسىدىكى چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش ئۆيىدىن كۈلكە ئاۋازلىرى ئۈزۈلمىدى. كىشىلەر يەڭلىرىنى تۈرۈپ، جىلتە ئاچتى، قىيما ئېلىپ تۈگرە تۈگدى. ئۆگىنىپ بولغانلىرى ئەستايىدىللىق بىلەن باشقىلارغا ئۆگەتتى، ئۆگىنەلمىگەنلىرى سىستېمىلىق ئۆگەندى. ئۇزاق ئۆتمەي ئۈستەل ئۇزۇنچاق، يۇمىلاق، كالا مۈڭگۈزى شەكىللىك تۈگرىلەر بىلەن تولدى.
بۇ، خېنەن ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلارنىڭ شۇ كۈنى ئېلىپ بېرىلغان 2-قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە «قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىدە قوشماقلاشقان قازاق تۇغقىنىنىڭ ئۆيىدە تۈگرە تۈگۈۋاتقاندىكى كۆرۈنۈشى ئىدى.
ئىۋىرغول رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش بويىچە ئىۋىرغول رايونىدا تۇرۇشلۇق قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باشلىقى ما خۇڭۋېي ئەتتىگەندىلا قويلۇق مەھەللىسىدىكى يۆلەش ئوبيېكتى ماناي تۇرسىنبەكنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇلار بىلەن پاراڭلاشقاچ تۈگرە تۈگدى. بۇ قازاق تۇغقانلىرىنىڭ تۈگرە تۈگەلمەيدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ما خۇڭۋېي گې يۇڭ، جاڭ چاۋشيا، ياڭ دۇڭشياۋدىن ئىبارەت شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەمگە كەلگەن ئۈچ كادىرنى ياردەمگە چاقىردى.
شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن كادىرلار قوي گۆشى، غولپىيازلارنى سېتىۋېلىپ كەلدى، كۆپچىلىك ماناينىڭ ئۆيىدىكى كاڭدا ئولتۇرۇپ، بىرلىكتە قىيما قىلدى، جىلتە ئاچتى، تۈگرە تۈگدى. كەنتتە تۇرۇپ ئائىلىلەرگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەۋاتقان ئېدىر يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى جۇ گۇاڭمىڭ، يېزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ياقۇپ تۇرسۇن، يالغۇز دەرەخ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئېرجان خاخار، كەنت مۇدىرى قايىربېكلارمۇ بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ، ماناينىڭ ئۆيىگە يىغىلدى. شۇ كۈنى ما خۇڭۋېي يەنە ئۆزىنىڭ قويلۇق مەھەللىسىدىكى باشقا ئۈچ يۆلەش ئوبيېكتىنى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ماناينىڭ ئۆيىگە جەم بولۇشقا تەكلىپ قىلدى.
شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن كادىرلار تۈگرىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا پاراڭلىشىپ قالدى: تۈگرە جەم بولۇشقا، ئىتتىپاقلىشىشقا سىمۋول قىلىنغان. گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشتىن دېرەك بېرىدۇ. تۈگرىنى ئىلگىرى چاغاندىلا يېگىلى بولاتتى، كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، قاچان يېگۈسى كەلسە يېيەلەيدىغان بولدى.
ھورى چىقىپ تۇرغان قىزىق تۈگرىنىڭ داستىخانغا تارتىلىشى بىلەن، كۆپچىلىك خۇشال ھالدا ئۆزلىرىنىڭ ئەمگەك مېۋىسىگە ئېغىز تەگدى. ماناي بىر تەرەپتىن يېگەچ، بىر تەرەپتىن مۇنداق دېدى: «بۈگۈن تۇغقانلار بىر يەرگە جەم بولۇپ تۈگرە يېدۇق، مەن بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشال، تۈگرە ناھايىتى ئوخشاپتۇ». ئىلگىرى ئۇ كەنتتىكى قىيىنچىلىقى بار ئاھالە، شۇنداقلا ما خۇڭۋېينىڭ يۆلەش ئوبيېكتى ئىدى. ھازىر ئەر-خوتۇن ئىككىسى كەنتنىڭ تازىلىق ئىشچىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر ئايلىق مۇقىم كىرىمى بار بولدى.
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، نامراتلارنى يۆلەش، قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىش باشلانغاندىن تارتىپ، شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن كادىرلار دائىم ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ ھال-ئەھۋال سوراپ، تۇغقىنىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن تىرىشقان.