تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

مەركەزداش چەمبەرنى ياخشى سىزىپ، يېڭى دەۋر ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرايلى

  ــــ سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13– نۆۋەتلىك كومىتېتى 1– يىغىنىنىڭ غەلىبىلىك يېپىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

  دېموكراتىيە ئەقىل – پاراسەتنى ئۇرغۇتىدۇ، ئىتتىپاقلىق كۈچنى مۇجەسسەملەيدۇ، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى تولۇق تاماملاپ، 3 – ئاينىڭ 15 – كۈنى بېيجىڭدا غەلىبىلىك يېپىلدى. بىز يىغىننىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!

  بۇ قېتىمقى يىغىن دېموكراتىك، ئىتتىپاق، ئەمەلىيەتچىل بولغان، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن يىغىن بولدى. يىغىن مەزگىلىدە، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ھەر ساھە ئەزالىرىنى يوقلىدى ھەم ھەر ساھە بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئەزالارنىڭ پىكىر – تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى. ئەزالار دانا پىكىر بايان قىلىپ، ئەمەلىي چارە كۆرسىتىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىدىن ئىبارەت بۇ خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ مۇھىم رېئاللىشىش شەكلىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى. يىغىندا يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەھبىرىي ئەزالىرى سايلاپ ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلۈپ، يېڭى بىلەن كونىنىڭ ئالمىشىشى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇرۇلدى. سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتى رەھبەرلىك ئاپپاراتىدىكى بەزى پېشقەدەم يولداشلار سەپتىن چېكىندى، ئۇلار دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى نامايان قىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشقا مۇھىم تۆھپە قوشتى، بىز ئۇلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمىز!

  سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىگە قاتناشقان ھەر قايسى پارتىيە – گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلىرىنىڭ ئورتاق ھەرىكەت مىزانى. بۇ قېتىمقى يىغىندا سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسىنىڭ قىسمەن مەزمۇنلىرى تۈزىتىلدى، ئۇنىڭغا پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى مۇھىم ئىدىيە، مۇھىم قاراش، زور ھۆكۈم، زور تەدبىرلەر، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىگە ئالاقىدار مۇھىم تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ھەم خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى كىرگۈزۈلدى. سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ فۇنكسىيەسىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشى، رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىغا پايدىلىق.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي كېڭىشىش تۈزۈمى دۆلىتىمىزنىڭ تۈپ سىياسىي تۈزۈمى، جۇڭگو تۇپرىقىدا بارلىققا كەلگەن يېڭىچە پارتىيە تۈزۈمى. دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى جۇڭگوچە تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرمىسى بولغان بۇ يېڭىچە پارتىيە تۈزۈمىنى يولغا قويۇشتىكى مۇھىم سىياسىي شەكىل ۋە تەشكىلىي شەكىل. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ 60 نەچچە يىللىق شانلىق مۇساپىسى ۋە ئۇلۇغۋار ئەمەلىيىتى شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، بۇ يېڭىچە پارتىيە تۈزۈمىنىڭ يېڭىلىقى، ئۇنىڭ ماركسىزملىق پارتىيە نەزەرىيەسىنى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈشنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھەنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ھەقىقىي، كەڭ، ئۇزاققىچە ۋەكىللىك قىلىپ ۋە ئۇنى رېئاللاشتۇرۇپ، كونا پارتىيە تۈزۈمىنىڭ ئاز سانلىقلار، ئاز ساندىكى مەنپەئەت گۇرۇھىغا ۋەكىللىك قىلىش نۇقسانىدىن ئۈنۈملۈك ساقلانغانلىقىدا؛ ئۇنىڭ ھەر قايسى پارتىيەلەر ۋە پارتىيە – گۇرۇھسىز زاتلارنى زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئورتاق نىشان ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ، بىرلا پارتىيە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، نازارەتسىز قېلىش ياكى كۆپ پارتىيە نۆۋەتلىشىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، يامان خاراكتېرلىك رىقابەتلىشىش نۇقسانىدىن ئۈنۈملۈك ساقلانغانلىقىدا؛ ئۇنىڭ تۈزۈملەشكەن، تەرتىپلەشكەن، قېلىپلاشقان ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ھەر خىل پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ، تەدبىر بەلگىلەشنى ئىلمىيلاشتۇرۇش، دېموكراتىيەلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كونا پارتىيە تۈزۈمىنىڭ پارتىيە – گۇرۇھلارنىڭ مەنپەئىتى، سىنىپلارنىڭ مەنپەئىتى، رايون ۋە گۇرۇھلارنىڭ مەنپەئىتىنى ئاساس قىلىپ تەدبىر بەلگىلەپ ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، جەمئىيەتنى پارچىلىۋېتىش نۇقسانىدىن ئۈنۈملۈك ساقلانغانلىقىدا. كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىشتىكى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك پارتىيە تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرساقلا، ئۇنى ياخشى راۋاجلاندۇرساقلا، ياخشى مۇكەممەللەشتۈرسەكلا، چوقۇم سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرالايمىز.

  پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇشنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى سۈرەتلىنىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىگە يېڭى، تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويۇلدى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان باش پىروگرامما، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئورتاق ئىدىيەۋى – سىياسىي ئاساسنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئاساسىي ئوقى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەقىل كۆرسىتىش ۋە كۈچ قوشۇشنى خىزمەتنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش فۇنكسىيەسىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ۋەزىپىنى تولۇق ئادا قىلىش ئارقىلىق مەسئۇلىيەتچانلىقنى، جاسارەتلىك – ياراملىق بولۇش ئارقىلىق قىممەتنى نامايان قىلساقلا، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك كومىتېتى مۇھىم تاپشۇرۇقنى يەردە قويماي، يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتىدۇ.

  بۇرچ شەرەپلىك بولغانسېرى، ۋەزىپە مۈشكۈل بولغانسېرى، ھەممەيلەننىڭ بىر مەقسەتتە ئىشلىشىمىزگە شۇنچە توغرا كېلىدۇ. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ئەڭ كەڭ ئورتاق تونۇشنى، ئەڭ تولۇق ئەقىل – پاراسەتنى، ئەڭ كۆپ كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبەرنى ياخشى سىزىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرايلى.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 – ئاينىڭ 15 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ