تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتلەر ئىتىپاقلىق

تېخىمۇ كۆپ تۇغقانلىرىم بىلەن بىر ناننى تەڭ يېسەم دەيمەن

  شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: «بىر ناننى تەڭ يەپ، تىنچ جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش»... ھەر قېتىم «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» دېگەن بۇ ناخشا تېكىستىنى ئاڭلىغىنىدا ياڭ كەينىڭ كاللىسىدا تونۇش سىمالار بىر-بىرلەپ پەيدا بولاتتى. يۇرتىدىن ئايرىلىپ شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەت قىلىۋاتقان ياڭ كەي بىر ناننى تەڭ يېگەن ئۇيغۇر ئاكىلىرىنى ئۆزىنىڭ تۇغقىنى، دەپ بىلەتتى.

  ياڭ كەينىڭ توقسۇ ناھىيەلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىگە خىزمەتكە چۈشكىنىگە ئۇزاق بولمىدى، يېڭى يىلنىڭ ئالدىدا ئۇ توقسۇ ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ خادىمى ئىدى. ئورمانچىلىق ئىدارىسىدە ئىشلىگەن ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا ئۇ خىزمەتداشلىرى بىلەن تەڭ قانچە قېتىملاپ ئادەم ئايىغى يەتمىگەن چۆللەرگە چارلاشقا چىققانلىقىنى ساناپ بېرەلمەيدۇ.

  جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولغان خىزمەتداشلىرىدىن تۇيۇقسىز ئايرىلغان ياڭ كەي ئۇلارنى نەچچە كۈن كۆرمەيلا سېغىنىپ كەتتى. 3-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۇ ئىلگىرىكى ئىدارىسىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ئىختىيارسىز ئىدارىسىگە كىرىپ كەلدى. ئۇنىڭ ئىلگىرىكى خىزمەتداشلىرى ئۇزۇندىن بۇيان كۆرمىگەن تۇغقىنى بىلەن كۆرۈشكەندەك خۇشال بولۇشۇپ، ئۇنىڭ بلىەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ كەتتى.

  ياڭ كەي 2014-يىلى ئىختىساس ئىگىسى سۈپىتىدە ئاقسۇ ۋىلايىتىگە قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، توقسۇ ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىدىكى روزى سەمەت ئۇنى ھېيت-بايرام كۈنلىرى ئۆيىگە تاماققا تەكلىپ قىلاتتى. يېيىشلىك پولوغا قارىغاندا، ئۇ روزى سەمەت بىلەن بىر ناننى بۆلۈشۈپ يىگەنلىكىدىن ئۆزىنى بەختلىك ھېس قىلاتتى.

  2016-يىلى يازدىكى بىر قېتىملىق چارلاشتا ياڭ كەي ناننى پارچىلاپ بىللە يېيىش، كۆپچىلىك بىر ناننى تەڭ يېيىشنىڭ ئىتتىپاقلىق ئەھمىيىتىنى تولۇق ھېس قىلدى.

  بىر قېتىملىق چارلاشتا ھاۋا ناھايىتىمۇ ئىسسىق ئىدى، لېكىن كەچتە ناھىيە بازىرىغا قايتىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقاندا تۇيۇقسىز قارا يامغۇر يېغىپ كەتتى، ئەسلىدە ئاپتوموبىل بىمالال يۈرىدىغان چۆل-جەزىرىنى سۇ باستى، يان تېلېفوننىڭمۇ سىگنالى يوق ئىدى، ئۇلار كۆز يەتكۈسىز پاتقاقلىققا قاپسىلىپ قالدى.

  ئاپتوموبىلدا بىر نان، ئىككى قۇتا مىنېرال سۇ بار ئىدى. بىللە خىزمەتكە چىققان ياڭ كەي، روزى سەمەت، ياسىن ئەخمەت، تۇرسۇنجان ئايۇپ تۆتەيلەننىڭ قورسىقى بىر نانغا قانداقمۇ تويسۇن؟ گۇگۇم چۈشكەندىن كېيىن كالتە يەڭ مايكا كىيگەن تۆتەيلەننىڭ توڭلاپ قورسىقى ئاچقان ئىدى. ئاپتوموبىل دېرىزىسىدىن سىرتتىكى قاراڭغۇلۇققا قاراپ نانغا ھېچكىم چېقىلمىدى. روزى سەمەت: «بۇ يەر تاشيولدىن تۆت كىلومېتىر يىراقلىقتا، ئالدىدىكى يولنى كەلكۈن بۇزۇۋېتىپتۇ، ئاۋۋال ئازراق بىر نەرسە يەۋېلىپ ئاندىن بىر ئامال قىلايلى» دېگەن تەكلىپنى بەردى. تۇرسۇن ئايۇپ ناننى پارچىلاپ ئەڭ چوڭىنى ياڭ كەيگە بېرىپ: «ئارىمىزدا سىز ھەممىدىن ئورۇق، كۆپرەك يەڭ!» دېدى. روزى سەمەت بىلەن ياسىن ئەخمەتمۇ 90-يىللاردا تۇغۇلغان ياڭ كەيگە: «بىز ئۈچىلىمىز 70-يىللاردا تۇغۇلغانلار، سىزنىڭ يېشىڭىز ئەڭ كىچىك، كۆپرەك يەڭ!» دېدى.

  كۆپچىلىك قورسىقىنى ئەستەرلىگەچ، ياردەم سوراشقا ئىككى ئادەمنىڭ تاشيولغا بېرىشىنى مەسلىھەتلەشتى. مېڭىش ناھايىتى تەسكە توختايتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يولدىن ئېزىپ قېلىشمۇ مۇمكىن ئىدى، ئۇلار بۇ ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تالاشتى، لېكىن ئۈچەيلەن ياڭ كەينىڭ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشىغا قەتئىي قوشۇلمىدى. ئاخىرىدا تاشيولغا چىقسىمۇ يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئاپتوموبىلنىڭ ئۇچرىشى ناتايىن ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىككى ئادەم بىر گۇرۇپپا بولۇپ، نۆۋەتلىشىپ ئۇخلاپ، تاڭ ئېتىپ، يامغۇر توختاپ، سۇ يانغاندىن كېيىن يولغا چىقتى.

  بۇ قېتىملىق كەچۈرمىش ياڭ كەينىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئەڭ ئاساسىي قاتلىمىدا قېلىپ تۆھپە قوشۇش ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى. ئۇ يۇرتى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ پىڭلياڭ شەھىرىدىكى دوست-بۇرادەرلىرىگە، جېجياڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىللە ئوقۇغان ساۋاقداشلىرىغا: «خىزمەت ئورنۇمدا خۇددىي قېرىنداشلىرىمدەك دوستلىرىم بار، مۇناسىۋىتىمىز بىر چىشلەم ناننى تەڭ يېگۈدەك دەرىجىدە ياخشى، مەن ئۇلار بىلەن بىللە نان يېگەن ھەربىر قېتىملىق پۇرسەتنى قەدىرلەيمەن» دېدى.

  توقسۇ ناھىيەسىدە سۇلۇق يەر كۆپ، لېكىن مۇھاپىزەت خادىملىرى ئاز، شۇڭا كۆپ ۋاقىتلاردا دېھقان مۇھاپىزەتچىلەرگە تايانماي بولمايدۇ. دالىدا چۈشلۈك تاماق يېگەندە بولسۇن، ياكى دېھقان مۇھاپىزەتچىلەرنىڭ ئۆيىدە «تاماق يېگەن» دە بولسۇن، ياڭ كەي دائىم خىزمەتداشلىرى ۋە مۇھاپىزەتچىلەر بىلەن بىر ناننى تەڭ يەيدۇ. ئاپتونوم رايوننىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئۇ مۇھاپىزەت خادىملىرى بىلەن تۇغقان بولدى.

  ھازىر ياڭ كەينىڭ خىزمىتىنىڭ خاراكتېرى پۈتۈنلەي ئۆزگەردى، نان يەيدىغان پۇرسەت ئازلاپ كەتتى. لېكىن ئۇ كېيىن ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق ئورنىغا بېرىپ، ئۇيغۇر يۇرتداشلار بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىپ، دېھقانلار بىلەن يېيىش، تۇرۇش، ئەمگەك قىلىش، ئۆگىنىشتە بىللە بولۇشقا، تېخىمۇ كۆپ تۇغقانلىرى بىلەن بىر ناننى تەڭ يېيىشكە تەقەززا بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ