تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

بالىلارنىڭ زىيادە تويىنىپ يەپ–ئىچىشىدىن ساقلىنىش كېرەك

ماتېرىيال سۈرەت

    بودەك بالىلار ئوماق كۆرۈنىدۇ، لېكىن بەزىدە كۆپ يېيىش، بەك سەمىرىشمۇ ياخشىلىقنىڭ ئالامىتى ئەمەس، بۇ بەلكىم ئاز ئۇچرايدىغان «بودەك ۋېللى ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى» بولۇشى مۇمكىن. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ ئەسكەرتىدۇ: ئەگەر بوۋاق مەزگىلىدە بېقىش قىيىن بولۇش، يېتىلىشى ئاستا بولۇش، مۇسكۇل قىسقىرىشچانلىقى تۆۋەنلەش، جىنسىي بەز نورمال يېتىلمەسلىك ئالامىتى كۆرۈلسە، ئىككى ياشقا كىرگەندىن كېيىن تۇيۇقسىز ئىشتىھاسى ئېچىلىپ، بارا-بارا سەمىرىپ كېتىشى مۇمكىن، ئائىلە باشلىقلىرى چوقۇم بۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىپ، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرسىتىشى كېرەك.

    2-ئاينىڭ 28-كۈنى «خەلقئارا ئاز كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەر كۈنى»، ئاز كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ بىرى بولغان «بودەك ۋېللى ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى» نىڭ قوزغىلىش نىسبىتى ئون مىڭدىن بىر ئەتراپىدا بولۇپ، خۇبېي ئۆلكىسىدە شۇنداق دىياگنوز قويۇلغان 20 بىمار بار.

ماتېرىيال سۈرەت

    يېقىندا، خۇبېيلىق ليۇ خانىمنىڭ 10 ياشلىق ئوغلىغا ۋۇخەن بالىلار دوختۇرخانىسى «بودەك ۋېللى ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى» دەپ دىياگنوز قويغان. ليۇخانىم: «بالام بۇ يىل 10 ياشقا كىردى، بوي ئېگىزلىكى 120 سانتىمېتىر، ئەمما بەدەن ئېغىرلىقى 70 كىلوگىرام كېلىدۇ، بالام يېڭى تۇغۇلغاندا بېقىش قىيىن بولۇشتىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلدى، مىڭبىر مۈشكۈلاتلاردا ئېغىر كېسەللىكلەرنى كۆزىتىش ئۆيىدە ئۇنى قۇتقۇزۇپ قالدۇق، بالامنى ئۆيگە ياندۇرۇپ چىققاندىن كېيىن، يىغلاپ جېدەل قىلىپ باقمىدى، پۇت-قولى ماغدۇرسىزلىنىپلا تۇردى، بەش ئايلىق بولغاندا يەرلىك دوختۇرخانا ئۆسۈپ يېتىلىشى ئاستا، دەپ دىياگنوز قويدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئەسلىگە كەلتۈرۈپ داۋالاش جەريانىنى باشتىن كەچۈردۇق، بالام ئىككى ياشقا كىرگەندىن كېيىن ئىشتىھاسى تۇيۇقسىز ئېچىلىپ، تويغىنىنى بىلمەيدىغان بولۇپ قالدى»، دېدى.

 
ماتېرىيال سۈرەت

    ۋۇخەن شەھەرلىك بالىلار دوختۇرخانىسى بالىلار ئىرسىيەتلىك مېتابولىزم-ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى چېن شياۋخۇڭ مۇنداق دېدى: «بودەك ۋېللى ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى» گە گىرىپتار بولغان بالىلار ئىككى ياشتىن ئاشقاندا «يېيىش» ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ قىزىقىشىغا ئايلىنىپ، بەدەن ئېغىرلىقى شىددەت بىلەن ئاشىدۇ. بۇ بىر خىل خىروموسوم گېنىنىڭ توساتتىن ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققان ئىرسىيەت خاراكتېرلىك سېمىزلىك كېسىلى بولۇپ، كۆپ يۈز بېرىدىغان ئىرسىي كەمتۈكلۈككە تەۋە. ئەمما بۇ خىل كېسەللىككە  ئاسانلا مېڭە پارالىچى، يۇلۇن خاراكتېرلىك مۇسكۇل يىگىلەش، ئېغىر دەرىجىلىك مۇسكۇل جانسىزلىنىش كېسىلى، دەپ خاتا دىياگنوز قويۇلۇپ قالىدۇ. 

ماتېرىيال سۈرەت

    چېن شياۋخۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئەگەر ۋاقتىدا داۋالاش ۋە ئۈنۈملۈك ئارىلىشىش كەمچىل بولسا، ئېغىر دەرىجىدە ھورمون قالايمىقانلىشىش، كەيپىياتى-ھەرىكىتى كونتروللۇقىنى يوقىتىش، ئەقلىي ئىقتىدارى ۋە تىلى توسالغۇغا ئۇچراش، جىنسىي ئەزانىڭ يېتىلىشى تولۇق بولماسلىقتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تەڭ، تويىنىپ يەپ-ئىچىشتىكى مەركەز تەڭشىلىشى ياخشى بولماسلىق، بىمار ئىشتىھاسىنى كونترول قىلالماسلىقتىن كېلىپ چىققان زىيادە سېمىزلىك باشقا مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

    دوختۇرلار مۇنداق ئەسكەرتىدۇ: «بودەك ۋېللى ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى»، دەپ دىياگنوز قويۇلغاندا ئۆستۈرگۈچى ھورمون بىلەن داۋالاش ھەمدە ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقى ئېلىپ بېرىش، بالىلىق مەزگىلىگە كىرگەنلەرنىڭ يېمەك-ئىچمىكىنى مۇۋاپىق كونترول قىلىپ، چېنىقتۇرۇپ سېمىزلىكتىن ساقلىنىش كېرەك. ئىككى ياشتىن ئىلگىرىكى ۋاقىت ئەڭ ياخشى داۋالاش مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ