تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدىن دوكلات ۋە 2018 – يىللىق كېڭىشىش پىلانىنى مۇزاكىرە قىلدى

  يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى 3 – ئاينىڭ 12 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ساھە گۇرۇپپىلىرىدا سۆز قىلىپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 2018 – يىللىق كېڭىشىش پىلانىغا بىرلەشتۈرۈپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى مۇزاكىرە قىلدى، يېڭى دەۋردە سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە چارە – تەدبىر كۆرسەتتى.

  ئەزالار مۇنداق قارىدى: 2018 – يىلى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ خىزمەتلىرىدە، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەۋقەنى ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتىدىكى يېڭى تارىخىي ئورنىغا قويۇپ، ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەت ئۆزگىرىشىنى ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹بەش بىر گەۋدە›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈش تەلىپىگە ئاساسەن، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنى چۆرىدەپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە چارە – تەدبىر كۆرسىتىش، كۈچ قوشۇشنى خىزمەتنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيەنى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىشنىڭ پۈتۈن جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پائال كېڭىشىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، نازارەت قىلىشنى ئەمەلىي قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئىشنى ياخشى باشلاپ، قەدەمنى ياخشى تاشلاشقا تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

  ئەزا جيا ديەنزېڭ مۇنداق دېدى: 2018 – يىلى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق خىزمىتى توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى زىچ چۆرىدەپ، تەرەققىيات تەكشى بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى تېخىمۇ ياخشى ھەل قىلىش ۋە خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇشنى كۆزلەپ، دىققەتنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشقا قارىتىپ، مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇش، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشنى نىشانلاپ، ‹‹ئۈچ چوڭ جەڭ››نى زىچ چۆرىدەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش، ئەقىل كۆرسىتىشنى چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك.

  ئەزا ئارزۇگۈل ئايۇپ مۇنداق دېدى: 2018 – يىللىق كېڭىشىش پىلانىدىكى ئون كېڭىشىش قارالمىسى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق تەرەپلەرنى قاپلاپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مەخسۇس كېڭىشىش خاراكتېرىدىكى دائىمىي كومىتېت يىغىنى، مەخسۇس كېڭىشىش يىغىنى، قوش ھەپتىلىك كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى قاتارلىق شەكىللەردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، كېڭىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، قارالمىنى كېڭىشىش بىلەن كېڭىشىش شەكلىنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپتۇ. ئارمىيە – خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىنى 2018 – يىللىق نۇقتىلىق كېڭىشىش قارالمىسىغا كىرگۈزۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى ھالقىلىق مەزگىلدە، ئارمىيە – خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ نەتىجىسى ئارقىلىق تەرەققىياتنى تېخىمۇ ياخشى قۇدرەتلىك ئىستراتېگىيەلىك تىرەككە ئىگە قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

  ئەزا يۈ مېي مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 2018 – يىللىق كېڭىشىش پىلانى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىشىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ بۇ يىللىق خىزمىتىگە بولغان ئىشەنچىمىزنى ئاشۇردى. مەن مەۋقەيىمنى يېڭى دەۋرگە قويۇپ، يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىپ، كېڭىشىش پىلانىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىغا ئاساسەن، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا كۈچەپ، مەسىلىلەرنى بايقاپ، مەسئۇلىيىتىمنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم سىياسەت – فاڭجېنلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ، ئۈنۈم بېرىشىگە تۈرتكە بولىمەن.

  مۇزاكىرىدە ئېلزات زادە قاتارلىق ئەزالار كېڭىشىش پىلانىنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا تولۇقلىما پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئېلزات زادە مۇنداق دېدى: دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتىدىكى تەلەپكە ئاساسەن، 2018 – يىللىق كېڭىشىش پىلانىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەكلىپ سۇنۇش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش قاتارلىق شەكىللەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، ۋەزىپەمنى ئۈنۈملۈك ئادا قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ