تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دىققەتنى ئېغىر نامرات رايونلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىمىز

  مۇخبىرىمىز دۇڭ شاۋخۇا

  ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بۇ يىل يەنە يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنى 10 مىليوندىن كۆپرەك ئازايتىمىز، 2 مىليون 800 مىڭ كىشىنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەشنى تاماملايمىز. كەسىپلەر ئارقىلىق، مائارىپ ئارقىلىق، ساغلاملىق ئارقىلىق، ئېكولوگىيە ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھە ۋە جامائەت مۇلازىمىتىدىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىمىز.

  پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاپتونوم رايونىمىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە ۋە خەلق تۇرمۇشىدىكى 1 – قۇرۇلۇش سۈپىتىدە پىلانلاپ ئىلگىرى سۈردى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  3 – ئاينىڭ 5 – كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىشتا، ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىش، نامرات ئاھالە مەركەزلەشكەن يېزا – كەنتلەردە نامراتلىقنى تۈگىتىش ئاچقۇچ. قانداق قىلغاندا دىققەتنى نىشان – ۋەزىپىگە يەنىمۇ قارىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلغىلى بولىدۇ؟ مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن››غا قاتنىشىۋاتقان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىرى پائال چارە – تەدبىر كۆرسىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى.

  نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش

     ‹‹قىيىن نۇقتا›› ۋە ‹‹مۇھىم نۇقتا››لارغا تەڭ ئەھمىيەت بېرىش

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى جياڭ پىڭئەن

  شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى جياڭ پىڭئەن مۇنداق دېدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىشتا، دىققەتنى چوقۇم ئېغىر نامرات رايونلارغا، قىيىنچىلىقى ئېغىر ئاممىغا، ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، قىيىن نۇقتىغا ھۇجۇم قىلىپ، مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى خىزمىتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىز ئائىلە ئاساسىنى ئېنىقلاپ، دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈپ، ‹‹كىمنى يۆلەش›› مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، نامراتلارنى يۆلەش ئوبيېكتىغا ئالاقىدار ئۇچۇر، سانلىق مەلۇماتلارنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئىككى قېتىم تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، نامراتلار سانىنى ئېنىقلاپ، مۇكەممەل بولغان ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا، كەنت بەش دەرىجىلىك نامرات نوپۇسقا ئالاقىدار ئۇچۇر ماتېرىياللىرى ئامبىرىنى قۇردى.

  ‹‹جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدىكى ئاساسىي جەڭگاھ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدىكى ئەڭ قىيىن، ئەڭ مۈشكۈل جەڭگاھ››. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جياڭ پىڭئەن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى خىزمىتىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلدى، بولۇپمۇ 2015 – يىلى ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە ۋە بۇ ئىككى يىلدا ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئارقىلىق جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يېزا – كەنتلەر توغرىسىدا چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولدى.

  بۇ قېتىملىق ئىككى يىغىنغا جياڭ پىڭئەن ئېلىپ كەلگەن ئالتە تەكلىپنىڭ ئىككىسى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇ مۇنداق قارىدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە مەسىلە يۆنىلىشىدە يەنىمۇ چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، مەبلەغ مەدىتى، سىياسەت كاپالىتى، تۈر جەھەتتىن قوللاش، كەسىپ ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش، نۇقتىلىق بۆسۈش قىلىش، نامراتلارنى ئەقلىي جەھەتتىن يۆلەش قاتارلىق جەھەتلەردە دىققەتنى كۈچەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، لوپ ناھىيەسى سامپۇل بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ يەسلىسىگە مائارىپقا ياردەم بېرىشكە چۈشكەن ئوقۇتقۇچى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى (شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتى) يەسلى مائارىپى ئىنستىتۇتى بالىلار ئوقۇتۇش – تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جاڭ يەن

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيەسى سامپۇل بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ يەسلىسىگە مائارىپقا ياردەم بېرىشكە چۈشكەن ئوقۇتقۇچى جاڭ يەن مۇنداق دېدى: ھازىر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى ‹‹قىيىن مەسىلە›› مەزگىلىگە، ئەڭ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش مەزگىلىگە كىردى، بىز مۇھىم نۇقتا ۋە قىيىن نۇقتىنى تۇتۇپ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ‹‹كەشتە تىكىش›› ماھارىتىنى ئىشقا سېلىپ، ئادەمگە، ئائىلىگە، كەنتكە قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، كۆپ تەرەپ تەڭ تۇتۇش قىلىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرسەكلا، بۇ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلالايمىز.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا كىردى، بۇ كادىرلارنىڭ ئىستىلى، ئىقتىدارى، ساپاسى ئۈچۈنمۇ سىناق. جياڭ پىڭئەن مۇنداق قارىدى: بۇنداق چاغدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈشنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى چىڭىتىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، رايون خاراكتېرلىك ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ھەل قىلىشقا پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

       نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش

       ‹‹ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش›› ۋە ‹‹ئەقلىي جەھەتتىن يۆلەش››نى بىرلەشتۈرۈش

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، ‹‹كۆز ئالدىدىكى مەسىلىنىمۇ ياخشى ھەل قىلىش، تېخىمۇ مۇھىمى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان ئۇزاق مەزگىللىك مېخانىزمنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك›› دەپ تەكىتلىدى.

  جاڭ يەن مۇنداق قارىدى: نامرات رايونلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۈزۈل – كېسىل ئۆزگەرتىشتە، ئىرادە جەھەتتىن، ئەقلىي جەھەتتىن يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، شۇ رايوندىكى ئاممىنى ئىچكى ھاياتىي كۈچىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش، ئۇلارنىڭ جاپالىق ئەمگىكىگە تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان ئۇزاق مەزگىللىك مېخانىزمنى بەرپا قىلغىلى بولىدۇ.

  ئۇ مۇنداق دېدى: نامراتلارنى يۆلەشتە، بىر تەرەپتىن، ئالدى بىلەن ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش، نامرات ئاممىنى ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە، تىرىشچانلىقى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش نىشانىغا يېتىشكە يېتەكلەش كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن، نامراتلارنى ئەقلىي جەھەتتىنمۇ يۆلەش كېرەك، ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئىگىلىك تىكلەش ئاساسىي ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، نامرات ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقىنى، تەشەببۇسكارلىقىنى، ئىجادچانلىقىنى قوزغاش كېرەك.

  كىشىلەرگە بېلىق بەرگەندىن كۆرە، بېلىق تۇتۇشنى ئۆگەتكەن ئەۋزەل. جەنۇبىي شىنجاڭدا بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت يەسلى مائارىپىغا ياردەم بەرگەن جاڭ يەن مۇنداق دېدى: جەنۇبىي شىنجاڭدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىشتا، مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك، بولۇپمۇ، دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك. تىل قورالىنى ياخشى ئىگىلىگەندىلا، تېخىمۇ ياخشى پىكىر ئالماشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ماھارەت ئىگىلەپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات ئۈچۈن ياخشى ئاساس سالغىلى بولىدۇ.

  جاڭ يەن مۇنداق دېدى: بىلىم تەقدىرنى ئۆزگەرتىدۇ. نامرات رايونلاردىكى بالىلارنى ياخشى تەربىيەلەش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى مۇھىم ۋەزىپە، شۇنداقلا نامراتلىقنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىشىنى توسۇشنىڭ مۇھىم يولى. مەكتەپ تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىپلا قالماستىن، يەنە ئائىلە تەربىيەسى، جەمئىيەت تەربىيەسىگىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، شىنجاڭ شىنيې گۇرۇھى كېرىيە ‹‹گۈيمى›› بىيو پەن – تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئادىل ئابدۇرازاق

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، شىنجاڭ شىنيې گۇرۇھى كېرىيە ‹‹گۈيمى›› بىيو پەن – تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ئادىل ئابدۇرازاقنىڭ قارىشىچە، ئىدىيەدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ھەقىقىي نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ھېسابلىنىدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئارزۇسى غايەت زور ئىچكى قوزغىتىش رولىنى ئوينايدۇ.

  ئادىل ئابدۇرازاق مۇنداق دېدى: نامرات ئاممىنى نامراتلىق ئۈستىدىن غالىب كېلىش، قالاق قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش جەھەتتە ئىشەنچ ۋە ئىرادە تىكلەشكە يېتەكلەپ، ‹‹ساقلاپ تۇرۇش، يۆلىنىۋېلىش، ئېلىش›› ئىدىيەسىنى يېڭىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى قانات يايدۇرۇش جەريانىدا، نامراتلارنى يۆلەش تەدبىرى بىلەن نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىگە قاتنىشىشىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاددىي، بىۋاسىتە ئۇسۇلدا پۇل، نەرسە – كېرەك تارقىتىشنى ئۆزگەرتىپ، نامرات ئاممىنى پاي قوشۇش ئارقىلىق پايدا تەقسىملەش، كوپىراتىپقا ئەزا بولۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك.

   گۈزەل يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

  ‹‹غەلىبە قىلىش››تىن ‹‹ياخشى قىلىش››قا ئۆزگىرىش

  باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكتىلىدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، يېزا – كەنت، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا كەسىپلىرى گۈللەنگەن، ئېكولوگىيەسى ياشاشقا ماس كېلىدىغان بولۇش، يېزا كەيپىياتى مەدەنىي، ئىدارە قىلىنىشى ئۈنۈملۈك، تۇرمۇش باياشات بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ياشاش ماكانىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى قۇرۇش كېرەك.

  كەسىپلەرنىڭ گۈللىنىشى يەرلىكتىكى ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، بېيىشىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، يەنە يېزا ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشى ۋە يېزا ئىگىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. جياڭ پىڭئەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ يېزا نوپۇسى %60تىن ئاشىدۇ، دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىنى ۋە يېزىلاردىكى كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، چوقۇم ئۆزگىچە تۈۋرۈك كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك، مۇشۇنداق بولغاندىلا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ زور نەتىجە ياراتقىلى بولىدۇ.

  بۇ جەھەتتە ئادىل ئابدۇرازاق چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە. ئۇ تۇرۇشلۇق كارخانا جەنۇبىي شىنجاڭدا قۇرۇلۇپ، باش كۆتۈرگەن بولۇپ، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك مۇھىتى ۋە تەبىئىي ئالاھىدىلىكىگە تايىنىپ، قىزىلگۈل كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرغان. شىركەتتىكى%70 خادىم شۇ يەردىن قوبۇل قىلىنغان.

  قىزىلگۈلنىڭ ئىقتىسادىي قىممىتى باشقا دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن خېلىلا يۇقىرى بولۇپ، شۇ يەردىكى ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، بېيىشىدىكى ‹‹بەخت گۈلى››گە ئايلاندى. ئادىل ئابدۇرازاق مۇنداق ھېسابات قىلدى: شىركەت قۇرۇلۇپ ھازىرغىچە شۇ يەردىكى دېھقانلاردىن قۇرۇتۇلغان قىزىلگۈل غۇنچىسى، قىزىلگۈل كۆچىتى قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىشقا 11 مىليون يۈەن چىقىم قىلغان؛ قىزىلگۈل ئۆستۈرۈش بازىسى، ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا شۇ يەردىكى دېھقانلاردىن 142 مىڭ 100 ئادەم (قېتىم) ئىشلەتكەن، ئەمگەك كۈچى چىقىمى 16 مىليون 850 مىڭ يۈەندىن كۆپرەككە يەتكەن.

  ئادىل ئابدۇرازاقنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرغىنى شۇكى، دېھقانلارنىڭ كىرىمى ئاشقاندىن كېيىن، ئىدىيەسى تېخىمۇ ئازاد بولغان، كۆپچىلىك كەنتتىكى كەچلىك كۇرستا دەرس ئاڭلاپ، ئىلمىي تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگەنگەن، كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرغان، ساياھەتچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان.

  پۈتۈن شىنجاڭدىن قارىغاندا، چارۋىچىلىق ۋە باغ – ئورمان كەسپى ئەڭ ئۆزگىچە ئەنئەنىۋى ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ بىرى. جياڭ پىڭئەن شىنجاڭدا زامانىۋى چارۋىچىلىق ئۈلگە رايونى قۇرۇپ، ئەنئەنىۋى چارۋىچىلىق كەسپىنىڭ زامانىۋى چارۋىچىلىق كەسپىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە باغ – ئورمان كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، نۇقتىدا سىناق قىلىش قۇرۇلۇشىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش تەكلىپىنى بەردى.جياڭ پىڭئەن مۇنداق دېدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى ۋاقتىدا تاماملاپلا قالماستىن، يەنە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، تۆۋەن كىرىملىك ئاممىغا گۈزەل تۇرمۇش يارىتىپ بېرىش كېرەك.

(سۈرەتلەرنى مۇخبىرلىرىمىز سۈي جىجيەن، لۇ مىنيى تارتقان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ