تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، خەلق خوجايىن بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرايلى

  ــــ ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى توغرىسىدا(2)

  ‹‹خەلق گېزىتى›› ئوبزورچىسى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ 3 – ئاينىڭ 13 – كۈنى تېلېگراممىسى. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى خەلق خوجايىن بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ تۈپ كاپالىتى، خەلق خوجايىن بولۇش سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشىنىڭ ئاساسىي ئۇسۇلى، بۇ ئۈچى دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىيسىنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە بىرلىككە كېلىدۇ.

  13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىدا ئاساسىي قانۇننىڭ تۈزىتىلمىسى يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ماقۇللاندى. بۇ نەتىجە پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، خەلق خوجايىن بولۇش ۋە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىنى، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسى بىلەن خەلقنىڭ ئىرادىسىنىڭ ئورگانىك بىرلىكىنى تولۇق نامايان قىلىپ، ئاساسىي قانۇننىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشى، مۇكەممەللىشىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى، يېڭى دەۋردە ‹‹دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ئەلنى ئەمىن تاپقۇزۇشنىڭ ئومۇمىي نىزامنامىسى››نىڭ تۈپ خاراكتېرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا كەڭ كۆلەمدە سەپەرۋەر قىلىش ۋە تەشكىللەشتە مۇھىم ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.

  ئاساسىي قانۇن ئىنتايىن مۇھىم. بۇ قېتىمقى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئومۇمىيىتى، ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ چىقارغان مۇھىم تەدبىرى. پۈتكۈل تۈزىتىش كىرگۈزۈش جەريانىدا، باشتىن – ئاخىر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇلدى، خەلقنىڭ ئېھتىياجى ۋە ئارزۇسى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلدى، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتىكى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپكە قاتتىق ئەمەل قىلىندى، ئۇ بىر قېتىملىق پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، خەلق خوجايىن بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى، شۇنداقلا بىر قېتىملىق جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى زور يېڭىلىق يارىتىش بولۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ تۈپ تەلىپىنى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئاساسىي قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا، ئاساسىي قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇشتىكى قەتئىي ئېتىقادىنى تولۇق نامايان قىلدى.

  پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنى تۈزدى، پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنى يۈرگۈزدى، پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىنى قوغدىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاساسىي قانۇنمۇ پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك. ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسىدە، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن زور نەزەرىيەۋى قاراش ۋە زور فاڭجېن – سىياسەتلەرنىڭ دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنىغا كىرگۈزۈلۈشى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ دۆلەتنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنىڭ بېكىتىلىشى، ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى›› ئىكەنلىكىنىڭ ئاساسىي قانۇن ئومۇمىي پىروگراممىسىنىڭ 1 – ماددىسىغا كىرگۈزۈلۈشى مۇقەررەر ھالدا پۈتكۈل خەلق ئارىسىدا پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك قىلىش ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك قىلىشىنى دۆلەت خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانى ۋە ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ باشتىن – ئاخىر توغرا يولنى بويلاپ ئىلگىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  خەلق خوجايىن بولۇش سوتسىيالىزمنىڭ جېنى، پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ــــ خەلقنىڭ خوجايىن بولۇشىنى قوللاپ ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىپ، خەلقنىڭ خوجايىن بولۇشىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە كونكرېت، ئەمەلىي نامايان قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشتۇر. مەيلى قانۇنغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ تەرتىپ بويىچە ئىش بېجىرىشتە بولسۇن، مەيلى خەلقنىڭ ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلىدىغان ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش جەريانىدا بولسۇن، ياكى پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى، بىرلىك سەپ تۈزۈمى، يەرلىكنىڭ نىزام چىقىرىش تۈزۈمى، رېۋىزىيە تۈزۈمى قاتارلىق ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسىنىڭ تۈزۈم لايىھەسى بولسۇن، ھەممىسى خەلق خوجايىن بولۇشتىن ئىبارەت سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ بۇ ماھىيەتلىك خۇسۇسىيىتىنى تولۇق نامايان قىلىپ، دۆلىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئىرادىسى ۋە تۈپ مەنپەئىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ گۈللىنىپ روناق تېپىشى، ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى تېخىمۇ مۇستەھكەم ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە قىلدى.

  سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىقتا پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىشتا سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىققا تايىنىش كېرەك. بۇ قېتىمقى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە قانۇننى ئىلمىي چىقىرىش، قانۇننى دېموكراتىك چىقىرىش، قانۇننى قانۇن بويىچە چىقىرىشنىڭ تەلىپى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، سىياسىي جەھەتتىن، ئومۇمىيەت جەھەتتىن، ئىستراتېگىيە جەھەتتىن مەسىلىلەرنى كۆزىتىپ بىر تەرەپ قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىلدى، ئاساسىي قانۇن تەرەققىياتىنىڭ ئوبيېكتىپ قانۇنىيىتى ۋە ئىچكى تەلىپى بويىچە مەسىلىلەرنى ئويلىنىپ ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىلدى، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغداش دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر بولدى. ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسى پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ نەزەرىيە، ئەمەلىيەت ۋە تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى زور نەتىجىلەرنى تولۇق نامايان قىلدى، دۆلىتىمىز ئاساسىي قانۇنىنىڭ سىجىللىقى، مۇقىملىقى، نوپۇزىنى ئومۇمىي جەھەتتىن قوغداش ئاساسىدا، ئاساسىي قانۇننىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، مۇكەممەللىشىپ، تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە پۇختا قەدەم تاشلاندى.

   دۆلىتىمىز قانۇنچىللىقىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىن قارىغاندا، پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلق خوجايىن بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش باشتىن – ئاخىر ئىزچىللاشتۇرۇلغان يېتەكچى فاڭجېن. ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇننىڭ دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنىلىق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرغاندىلا، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلالايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ