تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى ھەمدە ئومۇمىي يىغىننى جۇڭگو ۋە چەتئەل تاراتقۇلىرىغا ئېچىۋەتتى

  ياۋ تۇڭ، شى شىن، لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى 3 – ئاينىڭ 13 – كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، رېۋىزىيە قانۇنى لايىھەسىنى قاراپ چىقتى، يىغىن جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرىغا ئېچىۋېتىلدى.

  يىغىن باشلىنىشتىن بىر سائەت ئىلگىرى، مۇخبىرلار مۇۋاپىق جاينى ئىگىلەش ئۈچۈن بالدۇرلا خەلق سارىيىنىڭ شىنجاڭ زالىغا كېلىپ، ‹‹قوراللىرىنى تەق قىلىپ›› تۇرۇشتى. خەلق گېزىتى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى، جۇڭگو خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسى، جۇڭگو گېزىتى، پېڭپەي خەۋىرى، سۇمۇرغ سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسى، رېيتېر ئاگېنتلىقى، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، پاكىستان بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، يۇمىئورى خەۋەرلىرى قاتارلىق چېگرا ئىچى – سىرتىدىكى يۈز نەچچە تاراتقۇنىڭ 140 نەچچە مۇخبىرى نەق مەيدانغا زىيارەتكە كەلدى.

  قاراپ چىقىشتا، شۆھرەت زاكىر، ۋاڭ گاڭ، رۇقىيەم مەتسەيدى قاتارلىق ۋەكىللەر رېۋىزىيە قانۇنى لايىھەسىنى چۆرىدەپ سۆز قىلدى ھەم شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ۋەكىللەر بىردەك رېۋىزىيە قانۇنى لايىھەسىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ۋەكىللەر مۇنداق دېدى: دۆلەتنىڭ رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئوتتۇرىغا قويغان ئومۇمىيەتكە مۇناسىۋەتلىك زور سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئۆز – ئۆزىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىشتىكى زور تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرما. رېۋىزىيە قانۇنىنى چىقىرىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنىڭ رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە تەشەببۇسىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە دۆلەتنىڭ ئىرادىسىگە ئايلاندۇرۇپ، پارتىيەنى قائىدە بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك بىلەن دۆلەت رېۋىزىيەسىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشكە قانۇن چىقىرىش شەكلى ئارقىلىق كاپالەتلىك قىلىش دۆلەتنىڭ رېۋىزىيە تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى دۆلەت ئورگانلىرى نازارەتچىلىكى، دېموكراتىك نازارەتچىلىك، ئەدلىيە نازارەتچىلىكى، ئامما نازارەتچىلىكى، جامائەت پىكرى نازارەتچىلىكى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشتە زور ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر تەسىرگە ئىگە.

     قاراپ چىقىپ سۆز قىلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ۋەكىللەردىن شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۈن، ما شۆجۈن، غانىبات سابۇكەي، پەرھات روزى، ياسىن سىدىق قاتارلىقلار جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ