شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: 3-ئاينىڭ12-كۈنى سائەت 3 دىن 30مىنۇت ئۆتكەندە،300 توننا خىمىيەۋى ئوغۇت قاچىلانغان X45082 نومۇرلۇق پويىز سانجى ۋوگزالىدىن يولغا چىقىپ ئاقسۇغا قاراپ ماڭدى. سانجى بېكىتى پۈتۈن شىنجاڭغا ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ماددىي ئەشيالىرى ئەڭ كۆپ توشۇلىدىغان يۈك بېكىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ يىل سانجى بېكىتىدىن ئاقسۇ، خوتەن، مارالبېشى قاتارلىق جايلارغا توشۇلغان خىمىيەۋى ئوغۇت 65 مىڭ توننىغا يەتتى.
مۇخبىرنىڭ جۇڭگو تۆمۈر يول ئىدارىسى ئۈرۈمچى تارماق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئالتۇن پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، تۆمۈر يول ئارقىلىق خىمىيەۋى ئوغۇت توشۇشنىڭ يۇقىرى پەللىسى كۆرۈلگەن. شىنجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ ھەرقايسى مال تىرانسپورت مەركەزلىرى ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا ئىشلىتىلىدىغان خىمىيەۋى ئوغۇتنىڭ ئېتىزلارغا تېزراق يەتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچ بىلەن ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇغان. قەشقەر مال تىرانسپورت مەركىزى بىرلەشمە ئەمگەك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، «ۋوگزال+مال توشۇش+چۈشۈرۈش+يەتكۈزۈش ئاپتوموبىلىنى قوبۇل قىلىش» ئۈندىدار توپى قۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىدىغان ماددىي ئەشيالارنى توشۇشتا ساقلانغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرگەن. ھازىرغا قەدەر توشۇلغان ئوغۇت جەمئىي 425 مىڭ 300 توننىغا يەتكەن بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستقا توشۇلىدىغان خىمىيەۋى ئوغۇت قاتارلىق يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بىرىدىغان ماددىي ئەشيالارنى تەمىنلەش يېتەرلىك بولغان.