ئۆز خەۋىرىمىز: جىمىسار ناھىيەسىنىڭ سەنتەي بازىرىدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ياردەم بېرىش خىزمەت گۇرۇپپىسى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى لاماجاۋ كەنتىدە ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ، شۇ ئايلىق ئائىلىلەرگە كىرىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.
ئىگىلىنىشىچە، 2017-يىلى سەنتەي بازىرىدىكى 27 نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ياردەم بېرىش خىزمەت گۇرۇپپىسى ۋە تۆت ئوبلاست، ناھىيە ئەۋەتكەن « ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش » بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى «نامرات ئائىلىلەر نامراتلىقتىن قۇتۇلمىغىچە، ھەرگىز قايتماسلىق» خىزمەت تەلىپى بويىچە يېڭىلىق يارىتىپ، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش مېخانىزمىنى ئورنۇتۇپ، ئىككى ئوت ئورۇش ماشىنىسىنى ھەل قىلىپ، كەنىت كوللېكتىپ ئىقتىسادىنى زورايتىش بىلەن بىرگە، نامرات ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ياردەم بەرگەن. ئۇلار يەنە نامرات ئائىلىلەرنى دەل جايىدا ئېنىقلاپ، 35 نامرات ئائىلىگە 24 كالا ۋە 690 قوي تارقىتىپ بەرگەن. ھەر دەرىجىلىك كادىرلار 110 نەچچە قېتىمدىن ئارتۇق زىيارەت قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ھال سوراپ، نامراتلارنى يۆلەشكە جەمئىي 1 مىليون 200 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجراتقان. نۆۋەتتە، سەنتەي بازىرىدىكى 35 نامرات ئائىلىلىكتىن 34 ئائىلىلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلغان بولۇپ، قالغان بىر ئائىلىلىكنى 2018-يىلى ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش پىلانلانغان.
سەنتەي بازىرى بۇ يىللىق نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدە، كەنىت كوللېكتىپ ئىقتىسادىنى زورايتىشنى تۇتقا قىلىپ، 20 نەچچە مەيدان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خاس ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان كەسىپلەر تەرەققىياتى بويىچە تەربىيەلەش پائالىيەتلىرىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، يىل ئاخىرىدا نامرات ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىپ تاشلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا پۇختا ئاساس سالدى.