تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ ئايرىم – ئايرىم ھالدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان بىر قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 – ئاينىڭ 12 – كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى جەنشۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ ياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاۋ لېجى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى خەن جېڭ 3 – ئاينىڭ 12 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئايرىم – ئايرىم ھالدا 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان بىر قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.

  لى كېچياڭ خۇنەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. دۇ جياخاۋ، شۈ داجې، ليۇ ۋېيچاۋ قاتارلىق ۋەكىللەر بەس – بەستە سۆز قىلدى. لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆتكەن بەش يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەتلىرىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، كومىتېت باشلىقى جاڭ دېجياڭنىڭ بەرگەن خىزمەت دوكلاتىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. لى كېچياڭ مۇنۇلارنى ئۈمىد قىلدى: خۇنەن ئۆلكىسى تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىشنى چۆرىدەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش قەدىمىنى توختاتماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشقا پايدىلىق قانۇنچىل، باراۋەر، قولايلىق سودا مۇھىتى يارىتىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىلغار جابدۇق ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ خەلقئارا رىقابەتكە قاتنىشىشىغا مەدەت بېرىشى كېرەك. ‹‹ئالاقە تورى+››دىن پايدىلىنىپ يېڭى ئېنېرگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئىختىساسلىقلارنى يېتىلدۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يولىنى كېڭەيتىپ، شەھەر – يېزىلاردىكى ئاھالىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. زور خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ جەڭنى ياخشى قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى باشتىن – ئاخىر ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ مۇھىم كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، شەھەر – يېزىلارنىڭ مائارىپ، داۋالىنىش قاتارلىق جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ ئومۇملىشىشى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، ئوتتۇرا قىسىمدىكى رايونلارنىڭ باش كۆتۈرۈشىدە داۋاملىق ئالدىنقى قاتاردا مېڭىشى كېرەك.

  لى جەنشۇ جىلىن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. بايىن چاۋلۇ، جىڭ جۈنخەي، ۋاڭ يەنفېڭ قاتارلىق ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، لى جەنشۇ كومىتېت باشلىقى جاڭ دېجياڭ بەرگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى سىستېمىلىق پەن بولۇپ، مەزمۇنى مول ۋە چوڭقۇر، ئۇ يېڭى دەۋردە خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇندا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە تارىخىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى. خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە ئۇزاق مۇددەت چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈشتە ئەڭ ئاساسلىقى ـــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نوپۇزى ۋە يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداشنى باشتىن – ئاخىر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەڭ مۇھىم ھالقا ـــ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ياخشى ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، ئەڭ مۇھىمى ـــ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن مۇھىم تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش. جىلىننىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جىلىن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم كۆرسەتمىسىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ سۈپىتى تېخىمۇ يۇقىرى، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى، قۇرۇلمىسى تېخىمۇ ئەلا، ئەۋزەللىكى تولۇق جارى قىلدۇرۇلىدىغان تەرەققىيات يېڭى يولىدا مېڭىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ۋاڭ ياڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، سۈن جىنلۇڭ قاتارلىق ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ۋاڭ ياڭ مۇنداق دېدى: 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىنىڭ 3 – ئومۇمىي يىغىنىدا ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى›› يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ماقۇللاندى، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى مۇھىم ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە چوڭ ئىش، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى كۈچلۈك ئاساسىي قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. ۋاڭ ياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە جەزمەن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 – ، 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، بىڭتۈەننىڭ شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق – ئىناق، ئاۋات – باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، ھەممەيلەن خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  ۋاڭ خۇنىڭ چىڭخەي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. ۋاڭ گوشېڭ، ۋاڭ جيەنجۈن، جاڭ شياۋرۇڭ قاتارلىق ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ۋاڭ خۇنىڭ كومىتېت باشلىقى جاڭ دېجياڭ بەرگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: چىڭخەينىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، چۈشىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچەپ، كادىر ۋە ئاممىنى ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغدىشى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى سەرخىللاشتۇرۇپ ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، خاس گۈللەنمە كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش، يېشىل تەرەققىياتتىن ئىبارەت ئىككى ئىشنى ياخشى قىلىپ، چىڭخەينى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يارىتىش كېرەك. خەلق تۇرمۇشى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىپ، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى ئومۇمىي تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش كېرەك.

  جاۋ لېجى گەنسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. لىن دو، تاڭ رېنجيەن، شاڭ لۇنشېڭ قاتارلىق ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، جاۋ لېجى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: گەنسۇنىڭ يېڭى تارىخىي پەللىدە تۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ گەنسۇنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹بەش بىر گەۋدە›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىجادىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە قۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، بەختكە چۆمگەن گۈزەل گەنسۇ قۇرۇشنى تېزلىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسىدە رېۋىزىيە كومىتېتىغا بەرگەن ئاساسىي قانۇن ئورنىنى پۇرسەت، دەپ بىلىپ، دۆلەتنىڭ رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، بىر تەرەپ قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى تۈزەش ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك.

  خەن جېڭ خەينەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. ليۇ سىگۈي، شېن شياۋمىڭ، چېن پياۋ قاتارلىق ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، خەن جېڭ مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. دوكلات مەركەزنى چۆرىدىگەن، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرگەن، ئوبيېكتىپ، ئەمەلىي بولۇپ، دوكلاتقا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى باشتىن – ئاخىر سىڭدۈرۈلگەن، دوكلاتتا پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، خەلق خوجايىن بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. خەن جېڭ مۇنداق دېدى: خەينەننىڭ دۆلەت تەرەققىيات ئومۇمىيىتىدىكى ئورنى ۋە رولى ئىنتايىن مۇھىم، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەينەننىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى ۋە خەينەن ئۆلكىسى قۇرۇلۇپ ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، خەلقئارا ساياھەت ئارىلى قۇرۇلۇشىنى باش تۇتقا قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئىقتىساد گۈللەنگەن، جەمئىيەت مەدەنىي بولغان، ئېكولوگىيەسى ئولتۇراقلىشىشقا باب كەلگەن، خەلق بەختلىك بولغان گۈزەل، يېڭى خەينەن قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك.

  سۈن چۈنلەن، ياڭ شياۋدۇ، چېن شى، چېن چۈەنگو، خۇ چۈنخۇا قاتارلىقلار ئايرىم – ئايرىم ھالدا قاراپ چىقىشقا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ