تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاساسىي قانۇن ئېڭىمىزنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قانۇندىكى بۇرچىمىزنى ئادا قىلىمىز

  ـــ ئاساسىي قانۇننىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسىنىڭ ماقۇللانغانلىقى مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن››غا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىل ۋە ئەزالار ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

  3 – ئاينىڭ 11 – كۈنى چۈشتىن كېيىن، 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىنىڭ 3 – ئومۇمىي يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇلۇپ، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى›› ماقۇللاندى. مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن››غا قاتنىشىۋاتقان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىرى بىردەك مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ قېتىم ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغانلىقىدەك تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئۇيغۇنلاشقانلىق بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى يېڭى نەتىجە، يېڭى تەجرىبە، يېڭى تەلەپلەرنى نامايان قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ۋە يۈرەك ساداسىنى ئەكس ئەتتۈردى. بۇنىڭدىن كېيىن ئاساسىي قانۇننى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قانۇن ئېڭىمىزنى ئۆستۈرۈپ، باشلامچىلىق بىلەن ئاساسىي قانۇنغا ھۆرمەت قىلىپ، ئاساسىي قانۇننى ئۆگىنىپ، ئاساسىي قانۇنغا رىئايە قىلىپ، ئاساسىي قانۇننى قوغداپ، ئاساسىي قانۇننى تەتبىقلاپ، قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش، قانۇن ئۆگىنىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇندىن پايدىلىنىشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەيمىز.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر قەيسەر ئابدۇكېرىم مۇنداق دېدى: ئاساسىي قانۇننىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشى ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى، تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجى، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئارزۇسى، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان زور تەدبىر. بۇنىڭدىن كېيىن بىز مائارىپ خىزمەتچىلىرى كۈندىلىك ئوقۇش – ئوقۇتۇش، باشقۇرۇشتا ئاساسىي قانۇن روھىنىڭ قىممەت يېتەكچىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيە – ئەخلاق قارىشىنى ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي قانۇننى ھۆرمەتلەش، ئاساسىي قانۇننى ئۆگىنىش، ئاساسىي قانۇنغا رىئايە قىلىش، ئاساسىي قانۇننى قوغداش، ئاساسىي قانۇننى تەتبىقلاشنى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرىمىز.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، سىرتقا ئېچىۋېتىش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئېرجان جۇئانخان مۇنداق دېدى: ئاساسىي قانۇننىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشى ئاساسىي قاتلامدىكى ئىسلاھات، تەرەققىيات ئىشەنچىنى چىڭىتىپلا قالماي، ھەرقايسى كەسىپلەرنىڭ ئىسلاھاتنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئاساسىي قانۇن ئاساسى بىلەن تەمىنلىدى. خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، كېيىنكى قەدەمدە ئاساسىي قانۇننى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، ئاساسىي قانۇنغا رىئايە قىلىپ، ئاساسىي قانۇن ئېڭىمنى كۈچەيتىپ، قەتئىي ئاساسىي قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىمەن.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئوبلاست باشلىقى پۈرۋە تۈگجەجاۋ مۇنداق دېدى: ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسىنىڭ سوتسىيالىستىك مىللىي مۇناسىۋەت توغرىسىدىكى بايانىغا ‹‹ئىناق›› دېگەن ئاچقۇچلۇق سۆز قوشۇلدى، بۇ، يېڭى دەۋردە دۆلىتىمىزدىكى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىناق مۇناسىۋەتنى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىللە ئىناق ياشاش، ئىناق تەرەققىي قىلىشتەك ئورتاق ئارزۇسىنى، كۆپچىلىكنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى تېخىمۇ مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشىدىغانلىقىنى تېخىمۇ ياخشى ئەكس ئەتتۈردى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، شىنجاڭ ‹‹شۆفېڭ›› پەن – تېخنىكا(گۇرۇھى) پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ تېخنىكى مۇسا مەمەت مۇنداق دېدى: مەن ئاساسىي قانۇننىڭ بۇ قېتىمقى تۈزىتىلمىسىنى قەتئىي قوللايمەن. قايتىپ بارغاندىن كېيىن ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، ئەھمىيىتىنى كۆپچىلىككە سۆزلەپ بېرىمەن ھەم ئاساسىي قانۇن پىرىنسىپىغا بىرلىكتە ئەمەل قىلىپ، ئاساسىي قانۇننى ئىجرا قىلىش بۇرچىنى بىرلىكتە ئادا قىلىمەن.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزاسى، جۇڭگو نېفىتچىلىكى شىنجاڭ سېتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە لىدىرى، باش دىرېكتورى، پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ نېفىت باش شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى يۆ جۇڭلىن مۇنداق دېدى: ئاساسىي قانۇننىڭ تۈزىتىلمىسى يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ماقۇللاندى، بۇ، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنىڭ پارتىيەنىڭ رايى ۋە ئەلنىڭ رايى ئىكەنلىكىنى، ئىنتايىن زۆرۈرلۈكىنى ھەم دەل ۋاقتىدا بولغانلىقىنى تېخىمۇ ئىسپاتلاپ بەردى، مەن قەتئىي ھىمايە قىلىمەن ۋە تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى ئاساسىي قانۇن پارتىيەنىڭ تەشەببۇسى ۋە خەلقنىڭ ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلدى ھەم جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەلىپىگە تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتى، بۇنىڭدىن كېيىن ئاساسىي قانۇندىكى بۇرچىمنى ئەستايىدىل ئادا قىلىمەن.

   مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزاسى نيۇ رۇجى مۇنداق دېدى: ئاساسىي قانۇننى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ يولغا قويۇش سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇشتىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە ھەم ئۇل خىزمەت. مەن ئاساسىي قانۇننىڭ روھىنى خىزمەت ئەمەلىيىتىمدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇننى ھىمايە قىلغۇچى، تارقاتقۇچى، ئىجرا قىلغۇچىلاردىن بولۇپ، يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى مۇساپە ئارقىلق ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرىمەن.

  (جاۋ جىيۈن، چېن چياڭۋېي، شى شىن، دۇڭ شاۋخۇا، يۈەن لېي)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ