شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 3-ئاينىڭ 12-كۈنى تېلېگراممىسى. بۇ يىل 42 ياشقا كىرگەن ئابلىمىت يۇنۇس مېيىپ بولۇپ، سىرتقا چىقىپ خىزمەت قىلىش قابىلىيىتى يوق ئىدى بۇلتۇر ئۇ ناھىيەدىكى 409 نامرات ئاھالە بىلەن بىرلىكتە كەپتەر كەسپىي باقمىچىلىق ئائىلىسىگە ئايلىنىپ، ئەلا سورتلۇق كەپتەرلەرگە ئېرىشىپ، كەسپىي جەھەتتە تەربىيەلەندى. ھازىر ئۇ باققان ئەلا سورتلۇق ئەرمەك كەپتەرنىڭ بىر جۈپىنى 2000 يۈەنگە ساتالايدۇ.
ئابلىمىت يۇنۇس قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيەسى ئوغۇساق بازىرىدىن بولۇپ، بۇ جاي مىڭ يىلدىن ئارتۇق كەپتەر بېقىش ئەنئەنىسىگە ئىگە، كەپتەرمۇ بۇ جايدىكى داڭلىق ئالاھىدە تائام ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق مەركىزى بۇلتۇر بۇ ناھىيەدە 2 مىليون 700 مىڭ يۈەن مەبلەغنى نامرات دېھقانلارنىڭ كەپتەر بېقىپ باي بولۇشىغا ياردەم قىلدى ھەم كەپتەر باقىدىغان بىر باقمىچىلىق كارخانىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، «شىركەت+ھەمكارلىق كوپىراتىپى+دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، ئەتراپتىكى ناھىيە، شەھەرلەردىكى كەپتەر باقىدىغان 10 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.
قىزىلبويى يېزىسىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسىدا گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى ئالدىنقى قاراردا سالغان 5 مىليون يۈەندىن ئارتۇق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغى ئاساسىدا، نامرات دېھقانلارنىڭ ھويلىسىنى ئۆزگەرتىشكە يەنە 16 مىليون يۈەن تولۇقلىما ئاجرىتىپ، «ئالتە بىر گەۋدە» بىرلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى ئارقىلىق، «ئالدىدا ئۆي، ئوتتۇرىدا ھويلا، كەينىدە قوتان، ئەتراپىدا ئېتىز» بولۇشتەك بىرىكمە ھويلا-ئاران ئىقتىسادىي يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، نامرات دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ «ئۆيىدىن چىقماي كىرىمىنى ئاشۇرۇشى» نى ئاشقا ئاشۇردى.
ئۆزگەرتىشتىن كېيىن يەرلىك دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ھويلا-ئاراندىن پايدىلىنىش نىسبىتى %30 كە يەتمەسلىكتىن %85 تىن يۇقىرى نىسبەتكە يەتتى، ئائىلە بېشى بويىچە ئاشقان كىرىم 10 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.