رېينولد EZ-Go تىپلىق ئاپتوماتىك ھەيدىگىلى بولىدىغان ئۇقۇم ئاپتوموبىلى كۆرگەزمە قىلىندى
مۇھەررىر :
خالمۇرات غوپۇر
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2018/03/13 10:38
چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 3-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، رېينولد جەنۋە ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە يېڭى نۇسخىدىكى EZ-Go تىپلىق ئۇقۇم ئاپتوموبىلى كۆرگەزمە قىلىنغان. بۇ ئاپتوموبىلنى كەلگۈسى ئون يىل ئىچىدە رەسمىي بازارغا سېلىش مۆلچەرلەنگەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ خىل تىپتىكى ئاپتوماتىك ھەيدىگىلى بولىدىغان ئاپتوموبىلنى شەھەر جامائەت مۇلازىمەت سىستېملىرىگە ئىشلىتىش مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، كەلگۈسىدىكى تاكسى ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئاپتوموبىل نۇسخىسى ئىكەن. رېينولد ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئاپتوموبىل شەھەرنىڭ « كەلگۈسىدىكى بەلگىسى » گە ئايلىنىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر :
قۇربانجان قېيۇم
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.