تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

«چوڭقۇر دېڭىز پالۋىنى» ناملىق ئادەملىك سۇ ئاستى پاراخوتى تۇنجى قېتىم جەمئىيەتكە ئېچىۋېتىلدى

«چوڭقۇر دېڭىز پالۋىنى» ناملىق 4500 مېتىرغا شۇڭغۇيالايدىغان ئادەملىك سۇ ئاستى پاراخوتى تۇنجى قېتىم جامائەتچىلىككە ئېچىۋېتىلدى.
    جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى چوڭقۇر دېڭىز ئىلمى ۋە قۇرۇلۇش تەتقىقات ئورنى 2018-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى ئۇيۇشتۇرغان ئامما پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيەت كۈنىدە، ئېكىسكۇرسىيە قىلىشقا تىزىملاتقان 120 ئامما «دۆلەتنىڭ مۇھىم قورالى» بىلەن يېقىن ئارىلىقتا ئۇچراشتى، بۇ «چوڭقۇر دېڭىز پالۋىنى» ناملىق 4500 مېتىرغا شۇڭغۇيالايدىغان ئادەملىك سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ تۇنجى قېتىم جامائەتچىلىككە ئېچىۋېتىلىپ ئېكىسكۇرسىيە قىلىنىشى ئىكەن.

    «دۆلەتنىڭ مۇھىم قورال»لىرىنىڭ بىرى بولغان «چوڭقۇر دېڭىز پالۋىنى» ناملىق 4500 مېتىرغا شۇڭغۇيالايدىغان ئادەملىك سۇ ئاستى پاراخوتى دۆلىتىمىزنىڭ «سۇ ئەجدىھاسى» ناملىق پاراخوتىدىن كېيىن، ئىككىنچى بولۇپ چوڭقۇر دېڭىزغا شۇڭغىغان ھەمدە دۆلەتنىڭ 863 پىلانى دېڭىز-ئوكيان ساھەسىدىكى «12-بەش يىل»لىق چوڭ تۈرى بولغان «چوڭقۇر دېڭىزغا شۇڭغۇش ئەسۋابى تېخنىكىسى ۋە ئۈسكۈنىسى» تەتقىقاتىنى قوللايدىغان شۇنداقلا مەملىكىتىمىزدە ئىشلەنگەن، ئىشلىتىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ئىشەنچىلىكلىكى ۋە ئاسراشچانلىق ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مەقسىتىدە تەتقىق قىلىپ ياسالغان ئادەملىك سۇ ئاستى پاراخوتى ھېسابلىنىدىكەن. بۇ پاراخوت 2017-يىلى 8-ئايدىن 10-ئايغىچە جەنۇبىي دېڭىزدا سىناق قىلىنغان بولۇپ، 2018-يىلى 3-ئاينىڭ ئاخىرلىرى يەنە بىر قېتىم جەنۇبىي دېڭىزغا بېرىپ سىناق قىلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە. 

«چوڭقۇر دېڭىز پالۋىنى» ناملىق 4500 مېترغا شۇڭغۇيالايدىغان ئادەملىك سۇ ئاستى پاراخوتى تۇنجى قېتىم جامائەتچىلىككە ئېچىۋېتىلدى.

«چوڭقۇر دېڭىز پالۋىنى» ناملىق 4500 مېترغا شۇڭغۇيالايدىغان ئادەملىك سۇ ئاستى پاراخوتى تۇنجى قېتىم جامائەتچىلىككە ئېچىۋېتىلدى.

«چوڭقۇر دېڭىز پالۋىنى» ناملىق 4500 مېترغا شۇڭغۇيالايدىغان ئادەملىك سۇ ئاستى پاراخوتى تۇنجى قېتىم جامائەتچىلىككە ئېچىۋېتىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ