تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى كۈچلۈك ئاساسىي قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلايلى

  توققۇز پۇتلۇق داڭقان تاۋلىنىش جەريانىدا پۈتۈپ چىقىدۇ. 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىدا ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسى لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى. بۇ، دەۋر ۋەزىيىتىنىڭ يۈزلىنىشى، ئىشلار تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجى، پارتىيە رايى، ئەلرايىنىڭ مايىللىقى، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ، ئاساسىي قانۇننىڭ يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى زور رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشتا، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك ئاساسىي قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىشتا مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا ئالدى بىلەن دۆلەتنى ئاساسىي قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ھاكىمىيەتنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشتە ئالدى بىلەن ھاكىمىيەتنى ئاساسىي قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىنى باشلاشنى قارار قىلغاندىن تارتىپ، ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاساسىي قانۇندىكى قىسمەن مەزمۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى›› توغرىسىدا پارتىيە ئىچى – سىرتىدا بەلگىلىك دائىرىدە پىكىر ئېلىشقىچە؛ پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2 – ئومۇمىي يىغىنىدا ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاساسىي قانۇندىكى قىسمەن مەزمۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى››نى قاراپ چىقىپ ماقۇللاشتىن تارتىپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسى(لايىھە)›› تەكلىپىنى شەكىللەندۈرۈشكىچە، 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشى ھەم ماقۇللىشىغا سۇنۇشقىچە، بۇ قېتىملىق ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە ئىلمىي قانۇن چىقىرىش، دېموكراتىك قانۇن چىقىرىش، قانۇننى قانۇن بويىچە چىقىرىش روھى ۋە پىرىنسىپى باشتىن – ئاخىر سىڭدۈرۈلدى، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ قانۇن چىقىرىشقا رەھبەرلىك قىلىش، قانۇن ئىجراسىغا كاپالەتلىك قىلىش، قانۇن چىقىرىشنى قوللاش، باشلامچىلىق بىلەن قانۇنغا رىئايە قىلىشىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى بولۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، خەلق ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنىڭ جانلىق ئىپادىسى.

  ‹‹قانۇن دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ئۇيغۇنلاشقاندىلا جەمئىيەتنى ئىدارە قىلغىلى بولىدۇ، ئىدارە قىلىش ۋەزىيەتكە ماس كەلگەندىلا ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.›› ئاساسىي قانۇن دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ئەلنى ئەمىن تاپقۇزۇشنىڭ ئومۇمىي نىزامنامىسى، پارتىيە ۋە خەلق ئىرادىسىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىلىنىشى بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئەمەلىيىتىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن ۋە رولغا ئىگە. ئاساسىي قانۇننىڭ سىجىللىقى، مۇقىملىقى، نوپۇزىنى ساقلاش ئاساسىدا، ئاساسىي قانۇننىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشىگە، مۇكەممەللىشىشىگە، راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتىدىكى بىر تۈرلۈك تۈپ قانۇنىيەت. دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى ئاساسىي قانۇنى 1954 – يىلى مەيدانغا كەلگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە، ئىزچىل ئەمەلىيەت ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىش باسقۇچىدا تۇردى. 1982 – يىلى ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئايرىم – ئايرىم بەش قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى، تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق، دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە دەۋر قەدىمىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تۈپ قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پارتىيە ۋە خەلق ياراتقان ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى ۋاقتىدا ئاساسىي قانۇن بەلگىلىمىسى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسى، دۆلەت ئىرادىسى، خەلقنىڭ ئارزۇسى بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى بىر تۈرلۈك مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىسى.

  جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، بۇ، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تارىخىي ئورنىدۇر. دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنى پارتىيەمىزنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئەمەلىي تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ مۇكەممەللىشىشى كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ دۆلەتنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى بېكىتىش، ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى›› ئىكەنلىكىنى ئاساسىي قانۇن ئومۇمىي پىروگراممىسىنىڭ 1 – ماددىسىغا كىرگۈزۈش، دۆلەت رەئىسىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ۋە ۋەزىپىگە تەيىنلىنىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەتنىڭ رېۋىزىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش... بۇ قېتىم ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش يېڭى ۋەزىيىتى، يېڭى ۋەزىپىسىگە ئاساسەن، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن مۇھىم نەزەرىيەۋى قاراشلار ۋە مۇھىم فاڭجېن – سىياسەتلەرنى دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنىغا كىرگۈزۈش، پارتىيە ۋە خەلق ئەمەلىيەت داۋامىدا ئېرىشكەن مۇھىم نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى ئاساسىي قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر دەرىجىسىگە كۆتۈرۈش پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى يېڭى مۇۋەپپەقىيەت، يېڭى تەجرىبە، يېڭى تەلەپلەرنى نامايان قىلدى، بۇ، ئاساسىي قانۇننىڭ قېلىپلاشتۇرۇش، يېتەكلەش، ئىلگىرى سۈرۈش، كاپالەتلىك قىلىش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنى قانۇنچىللىق يولىدا تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ‹‹ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغدىغانلىق پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئورتاق ئىرادىسىنىڭ نوپۇزىنى قوغدىغانلىق. ئاساسىي قانۇننىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىنى ھىمايە قىلغانلىق پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئورتاق ئىرادىسىنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىنى ھىمايە قىلغانلىق. ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇشقا كاپالەتلىك قىلغانلىق خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلغانلىق.›› ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئاساسىي قانۇننى تېخىمۇ ياخشى يولغا قويۇش، ئاساسىي قانۇننىڭ دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنى بولۇش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئاساسىي قانۇننى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ يولغا قويۇش سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇشنىڭ باش ۋەزىپىسى ۋە ئۇللۇق خىزمىتى. بىز بۇ قېتىم ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى پۇرسەت بىلىپ، ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇشنى يېڭى دەۋردە دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇش ۋە ئۇنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچلۈك سىياسىي ۋە تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئاساسىي قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشىمىز كېرەك.

   ئاساسىي قانۇننىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچساق، ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشكە ئاتلانغان مۇساپىسىنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنىدا شانلىق سەھىپە قالدۇردى. يېڭى مۇساپىگە قەدەم قويغىنىمىزدا، يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگىنىمىزدە، ئاساسىي قانۇننىڭ دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنى بولۇشتىن ئىبارەت نوپۇزلۇق ئورنىنى قوغداپ، ئاساسىي قانۇننىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ئەلنى ئەمىن تاپقۇزۇشنىڭ ئومۇمىي نىزاملىق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىدىكەنمىز، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى جەزمەن ماڭغانسېرى تېخىمۇ داغدام بولىدۇ، بىز چوقۇم جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 – ئاينىڭ 11 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ