تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى خەلقنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى

  ئۆز خەۋىرىمىز: 3-ئاينىڭ 11- كۈنى، ئۈرۈمچى داۋانچىڭ رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى (ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ، ئاياللار بىرلەشمىسى ) پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ داۋانچىڭ بازىرى قىزىل تۇمشۇق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنت «ئىككى كومىتېتى» بىلەن قىزىل تۇمشۇق كەنت كومىتېتى مەيدانىدا «ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش . مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» باش تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

  كەنت ئاھالىلىرى ئورۇندىغان «ياخشى كۈنلەر» دېگەن ناخشا بىلەن ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى. پائالىيەتتە، «بېيجىڭدىكى ئالتۇن تاغ»، «ئۇلۇغ جۇڭگو»، «قارا يورغا» قاتارلىق 13 ناخشا-ئۇسسۇل نومۇرلىرى ئورۇندالدى. ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيىتى داۋامىدا، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇكاپاتلىق سوئال-جاۋاب پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، مەيداندىكى 300 دىن ئارتۇق تاماشىبىن بەس-بەستە سوئاللارغا جاۋاب بەردى. مەيداندىن كۈلكە ۋە چاۋاك سادالىرى ئۈزۈلمىدى.

  ئويۇندىن كېيىن، كەنت «ئىككى كومىتېتى» ۋە خىزمەت ئەترىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن داۋانچىڭ رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى قىزىل تۇمشۇق كەنتىدىكى 100دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈپ قويدى ۋە كېسەللىكلەرگە قارىتا ھەقسىز دورا تارقىتىپ، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش توغرىسىدا سورالغان مەسلىھەتلەرگە ئەستايىدىل جاۋاب بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ