ئۈرۈمچى غەربىي شىمال ئاياللار دوختۇرخانىسىنىڭ « پەرىشتىلەر ئاممىۋى پاراۋانلىقى ئۇزۇن سەپىرى» سەھىيە-داۋالاش جەھەتتە ياردەم قىلىش پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى
ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى: ئۈرۈمچى غەربىي شىمال ئاياللار دوختۇرخانىسىنىڭ « پەرىشتىلەر ئاممىۋى پاراۋانلىقى ئۇزۇن سەپىرى» سەھىيە-داۋالاش جەھەتتە ياردەم قىلىش پائالىيىتى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى باشلىنىپ، بۇ دوختۇرخانىنىڭ سەھىيە-داۋالاش كىچىك ئەترىتى پۈتۈن شىنجاڭدىكى 300دىن ئارتۇق ئاھالىلەر كومىتېتىدا خالىسانە پائالىيەت ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن يۈرۈپ كەتتى.
«پەرىشتىلەر ئاممىۋى پاراۋانلىقى ئۇزۇن سەپىرى» ئۈرۈمچى غەربىي شىمال ئاياللار دوختۇرخانىسىنىڭ دۆلەتنىڭ «نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، ساغلام جۇڭگو ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش» داۋالاش ئارقىلىق ياردەم قىلىش سىياسىتىگە ئاۋاز قوشۇش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئاممىۋى پاراۋانلىقى تۈرى. بۇ تۈر ئاساسلىقى ئاياللار كېسەللىكلىرى بىمارلىرى، ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاشتا ئېغىر قىيىنچىلىقى بار، مېيىپ ئاياللارنى ياردەم ئوبيېكتى قىلغان بولۇپ، پۈتكۈل داۋالاش جەريانى ھەقسىز بولىدىكەن.