تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتلەر ئىتىپاقلىق

قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىش پويىزىدىكى ئاكتىپ ئېنېرگىيە

ئاپتونوم رايونلۇق 6-خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ داۋالاش خادىمى پويىزدا بىمارنى داۋالىماقتا.

  ئۆز مۇخبىرىمىز ۋاڭ جىڭجىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جياڭ ياڭ خەۋىرى، فوتوسى: 3-ئاينىڭ 8-كۈنى كەچ سائەت 9:40 تا گۇما ناھىيەسىدىن ئۈرۈمچىگە ماڭغان 9528-قېتىملىق پويىزدا جىددىي ياردەم تەلەپ قىلىش ئاۋازى ئاڭلاندى، 5-ۋاگوندىكى بىر يولۇچى تۇيۇقسىز ساقسىز بولۇپ، ياردەمگە موھتاج بولغان ئىدى.

  11-ۋاگوندا ئولتۇرغان ئاپتونوم رايونلۇق 6-خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى خالمۇرات ئابدۇسالام بىلەن سېسترا خەلچەم ھەۋەيدۇل، جاڭ شۆلار دەرھال 5-ۋاگوندىكى بىمار ياڭ يۈچىننىڭ يېنىغا كەلدى.

  سېسترا خەلچەم ھەۋەيدۇل مۇنداق دېدى: بىمارنىڭ يېنىغا كەلگەندە پويىز خىزمەتچىسى قان بېسىم ئۆلچىگۈچنى ئېلىپ كەلمىگەن ئىدى، بىمارنىڭ ئەھۋالىنى تېزرەك ئىگىلەش ئۈچۈن، خالمۇرات دوختۇر بىماردىن ئاساسلىق سوئاللارنى سورىغاچ، يان تېلېفونىدىكى قان بېسىم ئۆلچەش يۇمشاق دېتالىدا بىمارنىڭ قان بېسىمىنى مۆلچەرلىدى. پويىز خىزمەتچىسى قان بېسىم ئۆلچىگۈچ قاتارلىق ئاددىي ئەسۋابلارنى ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن، سېسترا جاڭ شۆ بىمارنىڭ قان بېسىمى، بەدەن تېمپېراتورىسى، يۈرەك رېتىمىنى ئۆلچىدى.

  بىمارنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى قان بېسىمى 140\100 مىللىمېتىر، يۈرەك رېتىمى 94 قېتىم\ھەر مىنۇت، بەدەن تېمپېراتۇرىسى 36.8 سېلسىيە گىرادۇس بولۇپ، ئىلگىرى ئۈچەي توسۇلۇش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغان، ئۆپكىسى ياللۇغلانغان. بۇنىڭ بىلەن دوختۇر بىمارغا يۇقىرى قان بېسىمى بولۇشى مۇمكىن، دەپ ھۆكۈم چىقارغان، خالمۇرات دەرھال نىچۈن دىپىڭ تابلىتكىسى، تېز ئۈنۈم بېرىدىغان يۈرەك قۇتقۇزۇش كۇمىلىچى تېپىپ كېلىپ بىمارغا يېگۈزگەن.

  بىمار ياڭ يۈچىن: «دورىنى يەپ بولۇپ تەخمىنەن 10 مىنۇتتىن كېيىن خېلى ياخشىلىنىپ قالدىم» دېدى. ئارقىدىنلا داۋالاش خادىملىرى يەنە داۋالاش-قۇتقۇزۇشقا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن پويىز خادىملىرى بىلەن ماسلىشىپ بىمارنى يېقىندىكى ۋاگوننىڭ ئاستىدىكى ياتاق ئورنىغا يۆتكىدى. ئورۇن ئالماشتۇرغاندىن كېيىن سېسترا ئۇنىڭ قان بېسىمى، بەدەن تېمپېراتۇرىسى ۋە يۈرەك رېتىمىنى ھەر يېرىم سائەتتە بىر قېتىم ئۆلچىدى، دوختۇر ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ ئۇ ئۇخلاپ قالغۇچە ھالىدىن خەۋەر ئالدى. بىمار مۇنداق دېدى: «ئۇلارنىڭ جېنىمنى قۇتقۇزۇپ قالغانلىقىغا رەھمەت، ئويلاشقىمۇ پېتىنالمايمەن، ئۇلار بولمىسا نېمە بولۇپ كېتەر ئىدىم».

  پويىز خادىمى جاڭ گەي مۇنداق دېدى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى پويىزىدا بۇنداق ئىشلار دائىم يۈز بېرىدۇ، ھەرقايسى مىللەتلەر ئۆزئارا ياردەملىشىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» نى ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىدۇ.

  پويىزغا چىقىشتىن ئىلگىرى ئاپتونوم رايونلۇق 6-خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ داۋالاش خادىملىرى گۇما ناھىيەسىنىڭ قوشتاغ يېزىسىدا قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى خالىسانە كېسەل كۆرۈش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزگەن ئىدى، ئۇلار قايتىش يولىدىمۇ دوختۇرلۇق سالاھىيىتىنى داۋام ئەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ