ماتېرىيال سۈرەت
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چاڭچۇن، 3-ئاينىڭ 7- كۈنى تېلېگراممىسى. چاڭچۇن شەھەرلىك بالىلار دوختۇرخانىسىدا قىز بالىلاردىكى ئاياللار كېسەللىكىنى داۋالاش بىلەن شوغۇللانغىلى 18 يىل بولغان مۇدىر ۋىراچ ليۇ شۇيچىڭ ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قىز بالىلاردا ئاياللار كېسەللىكلىرى كۆپ كۆرۈلۈۋاتىدۇ، شۇڭا ئاتا-ئانىلار بۇنىڭغا قەتئىي سەل قارىماسلىقى كېرەك.
ليۇ شيۇچىڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، بۆلۈمىمىز كۈندە جىنسىي ئىقتىدارى بالدۇر يېتىلگەن كىچىك بىماردىن ئوننى قوبۇل قىلىپ داۋالايدۇ. بۇنىڭ كىلىنىكىلىق ئىپادىسى بولسا كۆكسى بالدۇر يوغىناش، بەدەن ئېگىزلىكى ۋە ئېغىرلىقى تېز ئېشىشتۇر. جىنسىي ئىقتىدارى بالدۇر يېتىلگەن قىزلارنىڭ سۆڭىكىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ يېتىلىشى تېز بولىدۇ، قارىماققا بوي ئېگىزلىكى ئوخشاش ياشتىكى قىزلارغا قارىغاندا ئېگىز كۆرۈنىدۇ، بۇ سۆڭەك بىرىكىشنىڭمۇ مۇددەتتىن بۇرۇن بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، لېكىن ئۆسۈش مەزگىلىنى مۇناسىپ ھالدا قىسقارتىۋېتىدۇ، ئاخىرىدا بوي ئېگىزلىكى ئوخشاش ياشتىكىلەرگە قارىغاندا پاكار بولۇپ قالىدۇ.
ماتېرىيال سۈرەت
ليۇ شيۇچىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاتا-ئانىلار بالىغا پەسىلگە قارشى مېۋە-چېۋىلەرنى ھەمدە پىشىشنى تېزلەتكەن گۆش يېمەكلىكلىرىنى يېگۈزۈشتىن ساقلىنىش كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى زىيادە بالدۇر ئىستېمال قىلىش، چوڭلارنىڭ گىرىم بۇيۇملىرىنى ئۇزۇن مەزگىل ئىشلىتىشمۇ قىزلاردا جىنسىي ئىقتىدارى بالدۇر يېتىلىشىنى پەيدا قىلىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، ليۇ شيۇچىڭ ئاتا- ئانىلارنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: قىزلارنىڭ سىرتقى جىنسىي ئەزاسى ناھايىتى ئاجىز كېلىدۇ، شۇڭا قىزلارغا بالدۇرلا ئېغى ئېتىك ئىچ كىيىم كىيدۈرۈپ، مىكروبلارنىڭ ھۇجۇم قىلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. ئاتا- ئانىلار قىزلىرىنى سۇ ئۈزدۈرگەندە سۇنىڭ سۈپىتىگە قاتتىق دىققەت قىلىشى، سۇ ئۈزۈپ بولغاندىن كېيىن پاكىز سۇ بىلەن يۇيۇندۇرۇپ، ياللۇغلىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك، ئەگەر بىنورماللىق كۆرۈلسە دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك.
ماتېرىيال سۈرەت