شىنجاڭ تورى خەۋىرى: سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار باشقا جايدا داۋالىنىش ھەققىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلدۇرماقچى بولسا، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئۇزاق مۇددەتلىك باشقا جايغا ئەنگە ئالدۇرۇشى ياكى باشقا جايغا يۆتكىلىپ داۋالىنىش بويىچە ئەنگە ئالدۇرۇشى لازىم. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار ئۇزاق مۇددەت باشقا جايدا داۋالىنىش بويىچە تىزىملىتىپ ئەنگە ئالدۇرۇش رەسمىيىتى بېجىرگەندە سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا شۆبە ئىدارىسىگە بېرىپ بېجىرىشتىن باشقا، فاكس شەكلىدە بېجىرسىمۇ بولىدۇ.
شەھەرلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا باشقۇرۇش ئىدارىسى خىزمەت ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن، 3-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكىلەرنىڭ باشقا جايدا داۋالىنىش ھەققىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىشىدا دائىم كۆرۈلىدىغان مەسىلىلەرگە مەركەزلىك جاۋاب بەردى.
پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن باشقا جايغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئۇزاق مۇددەت باشقا جايدا ئولتۇراقلاشقىنىغا ئالتە ئايدىن ئاشقان سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار ئۇزاق مۇددەت باشقا جايدا داۋالىنىش بويىچە تىزىملىتىپ ئەنگە ئالدۇرۇش رەسىمىيىتىنى بېجىرگەندە ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى بىلەن ئالاقىدار كىملىك ئىسپاتلىرىنى ئېلىپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا شۆبە ئىدارىلىرىگە بېرىپ بېجىرسە بولىدۇ؛ شۇنداقلا يەنە 4658524-0991 گە كىملىكىنىڭ كۆپەيتىلمە نۇسخىسى ۋە ئەنگە ئالدۇرىدىغان رايون، ئالاقىلىشىش نومۇرىنى ئەۋەتىش شەكلىدە بېجىرسىمۇ بولىدۇ.
سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىنىڭ كېسىلىنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە داۋالىغىلى بولمىغانلار ئۈچ ئا دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، يۆتكىلىپ داۋالىنىش بويىچە ئەنگە ئالدۇرۇپ تىزىملىتىشنى دوختۇرخانىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىشخانىسىدا بېجىرسە بولىدۇ.
ئەنگە ئالدۇرۇشنى بېجىرىپ باشقا جايدا دەل ۋاقتىدا راسچوت قىلغىلى بولمىسا، سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار داۋالانغان دوختۇرخانىدىن سەۋەبىنى ۋاقتىدا سورىشى لازىم، تور ئۈزۈلۈپ قېلىش قاتارلىق سىستېما سەۋەبىدىن ۋاقتىدا راسچوت قىلالمىغانلار كاشىلا تۈگىتىلگەندىن كېيىن راسچوت قىلسا بولىدۇ؛ سىستېما ئاسراش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۇزاق ۋاقىت ۋاقتىدا راسچوت قىلالمىغانلار ئالدى بىلەن تولۇق سوممىلىق داۋالىنىش خىراجىتىنى تاپشۇرۇپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقان جايغا بارغاندىن كېيىن راسچوت قىلدۇرسا بولىدۇ.