تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى ھەممە جايدا پورەكلەپ ئېچىلدۇرىمەن

  يۇ لياڭيىڭ ئىنىسى مەمەتتۇرسۇن مۇساق بىلەن بىللە

  3-ئاينىڭ 10-كۈنى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى،  بىڭتۈەن 1-شى 13-تۈەن 11-ليەننىڭ ئىشچىسى يۇ لياڭيىڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بىر يىلدىن بۇيان ئىنىم مەتتۇرۇپ مۇرساق ئىككىمىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قەيەرگە بارساق شۇ يەردە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقاتىنى ئېلىپ بېرىپ، ھەر مىللەت يۇرتداش، قېرىنداشلىرىمىزنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىغا مېڭىشقا يېتەكلىدۇق.

  يۇ لياڭيىڭ بىلەن مەتتۇرۇپ مۇرساقنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىسىنى بىلمەيدىغان ئادەم يوق. 2015-يىل 9-ئاينىڭ 30-كۈنى، يۇ لياڭيىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى مۇنەۋۋەر ۋەكىل سۈپىتىدە بېيجىڭدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشتى.

  قەيەرگە بارساق شۇ يەردە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقاتى ئېلىپ بارىمىز

  يۇ لياڭيىڭ مۇنداق دېدى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ جان تومۇرى. پاراخوتنىڭ كۈچى يەلكەندە، ئادەمنىڭ كۈچى يۈرەكتە. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى چىن يۈرەكتىن چىقىرىپ ئېيتقاندا، ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەندە، ھەر مىللەت قېرىنداشلار ئىناق ئۆتۈپ، ھەمكارلاشقاندىلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدىغىلى بولىدۇ. باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى يۈرىكىمدە چىڭ ساقلاپ، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئىنىم مەتتۇرۇپ مۇرساق بىلەن ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقاتچىلىرىدىن بولۇپ، ھەقىقىي، سەمىمىي چىن دىل بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ياخشىلاپ، كۆپچىلىكنى ئۆز يېنىدىكى كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قانات يايدۇرۇشقا چاقىرىق قىلدۇق.

  2015-يىلى يۇ لياڭيىڭ بېيجىڭدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ھەر مىللەت ئاممىسىغا يەتكۈزۈشنى نىيەت قىلدى. ئۇ ھەمىشە سىرتلارغا چىقىپ ئۆزىنىڭ باشتىن ئۆتكۈزگەنلىرى، چىن ھېسسىياتى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى قاتارلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە بىڭتۈەنلىكلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچى توغرىسىدا تەشۋىقات ئېلىپ باراتتى. ئۇ بۈگۈنگىچە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 500 مەيداندىن ئارتۇق تەشۋىقات لېكسىيەسى سۆزلىدى.

   يۈ لياڭيىڭ بىلەن مەتتۇرۇپ مۇرساق تېخىمۇ كۆپ ھەر مىللەت ئاكا-ئىنى، ئاچا-سىڭىللىرىغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن 2016-يىل 3-ئايدا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» باش تېمىسىدىكى دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھىنى قۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھىمىزنىڭ ئىسمى «مامكاپ». بۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ قېرىنداشلىق ئۇرۇقى مامكاپقا ئوخشاش ھەممە يەرگە تەڭ تارقىلىدۇ دېگەن مەنىدە.

  ئىككى يىلغا يېقىن تىرىشچانلىق نەتىجىسىدە، «مامكاپ» دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھى تەرەققىي قىلىپ، يېمەك-ئىچمەك، كۆڭۈل ئېچىش، باغ-ئورمانچىلىق ئۇنىۋېرسال تەرەققىي قىلغان دېھقانلار شادلىق ئارامگاھىغا ئايلاندى. ئارامگاھقا ھازىرغىچە 30 دىن ئارتۇق ئادەم ئىشقا ئورۇنلىشىپ، قىسمەن ئىشچىلار ئاشپەزلىك، كاۋاپچىلىق ھۈنىرى بىلەن تەربىيەلەندى. ئۇلارنىڭ كىشى بېشى كىرىمى 2000 يۈەندىن ئاشتى. ئۇنىڭدىن باشقا، يۇ لياڭيىڭ بىلەن مەتتۇرۇپ مۇرساق بىرلەشمە ھەمكارلىق مېخانىزمى تۈزۈپ، مەتتۇرۇپ مۇرساق كەنتتىكىلەرنى خوتەننىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىكىگە ئىگە قارا توخۇسىنى بېقىشقا تەشكىللەپ، «مامكاپ» ئارقىلىق ئۇلارنى سېتىپ چىقىرىپ، كەنتتىكىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلىدى.

  2016-يىلى يۇ لياڭيىڭ 13-تۈەندىكى 16 ئىشچى بىلەن بىرلىشىپ، «ئالار چېگرا قىزىل مېۋە دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى»نى قۇرۇپ، «يۇ لياڭيىڭ» ماركىسىنى ئەنگە ئالدۇرۇپ، «يۇ چىلىنى» نى بارلىققا كەلتۈردى .

  2017-يىلى يۇ لياڭيىڭ مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا «يۇ چىلىنى»نى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھەربىر چىلان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ جەۋھىرى. مەن بۇ ماركا ئارقىلىق چىلان سېتىش بازىرىنى كېڭەيتىپ، تۈەن مەيداندىكى چىلانچىلىق ئائىلىلىرى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭلىق ئىشچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىمەن. ئۇنىڭدىن باشقا، چىلان سېتىش ئارقىلىق نەگە بارسام شۇ يەردە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىلىرىنى تەشۋىق قىلىمەن .

  ۋەدەمگە ۋاپا قىلىپ ، يۇرتداشلار بىلەن بىرگە بېيىش يولىغا ماڭىمەن

  يۇ لياڭيىڭنىڭ ياردىمى ئاستىدا، مەتتۇرۇپ مۇرساق ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىغا قاراپ ماڭدى. ئۇ ھازىر خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيە مۇكۇيلا يېزىسى دالىغ كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى. 2017-يىل دېكابىردا، ئۇنىڭ ئائىلىسى «تۇنجى نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايون بويىچە مەدەنىيەتلىك ئائىلە» شەرىپىگە ئېرىشتى.

  مەتتۇرۇپ مۇرساقنىڭ دېيىشىچە، ئۇ ئۆزىنىڭ بېيىش تەجرىبىلىرىنى قويماي يۇرتداشلىرىغا ئۆگىتىپ ئۇلارنىڭمۇ تەڭ بېيىشىغا ياردەم قىلىۋېتىپتۇ. ئەگەر يۇرتداشلار تېرىش ۋە پەرۋىش قىلىشتا بىلمىگەن ئىشلارغا دۇچ كەلسە، ئۇ ئۇلارغا ئالاقىدار كىتابلارنى يەتكۈزۈپ بېرىپتۇ. ئېتىش باشلىرىغا بېرىپ تەجرىبىلەرنى سۆزلەپتۇ. ھەقسىز ۋاستىچى بولۇپ، يۇرتداشلارنىڭ 1-شى 13-تۈەندە پاختا تېرىپ پۇل تېپىشىغا ياردەم قىلىۋېتىپتۇ.

  مەتتۇرۇپ مۇرساقنىڭ يۇرتداشلارنى بېيىشقا يېتەكلىگەنلىكى يەرلىكتىكى ئاممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن باشتىن-ئاخىرى پارتىيە ئەزالىق سالاھىيىتىمنى ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ، يۇرتداشلارنى باي-باياشات تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشكە يېتەكلەيمەن. ھەدەمگە ئوخشاش تېخىمۇ كۆپ ياردەمگە موھتاج كىشىلەرگە ياردەم قىلىپ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ