تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

‹‹ئىككى يىغىن›› يېڭى دەۋرنىڭ كۈرەش مېلودىيەسىنى ياڭراتتى

  شىن شىپىڭ

  ‹‹سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش كېرەك››، ‹‹جاسارەت بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەش، ھەمكارلىشىپ ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش كېرەك››. سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 – يىغىنىنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتنىشىشتىن، 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتنىشىشقىچە، ‹‹كۈرەش قىلىش›› دېگەن بۇ سۆز باش شۇجى شى جىنپىڭ ‹‹ئىككى يىغىن›› باشلانغان مەزگىلدە قىلغان ئاچقۇچلۇق سۆز بولۇپ قالدى. تەرەققىيات ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەش، كۈرەش قىلىش كۈچىنى ئۇرغۇتۇش بۇ يىللىق ‹‹ئىككى يىغىن››نىڭ جۇشقۇن ئاساسىي مېلودىيەسىگە ئايلاندى.

  ‹‹جۇڭگو›› ناملىق غايەت زور پاراخوت ھەربىر مۇساپىسىدە ئېسىل ھېكايىلەرنى قالدۇرۇپ، دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەۋاتىدۇ. بەش يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %7.1 ئاشتى، 68 مىليوندىن ئارتۇق نامرات نوپۇس ئازايدى، ئاھالىنىڭ كىرىمى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %7.4 ئاشتى، شەھەر – بازارلاردا 66 مىليوندىن ئارتۇق كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول تورى، ئېلېكتىرونلۇق سودا، كۆچمە چىقىم قىلىش، ھەمبەھرە ئىقتىساد قاتارلىقلار دۇنيا ئېقىمىغا يېتەكچىلىك قىلماقتا...

  ‹‹قالتىس سەن، ۋەتىنىم!›› بۇ يىلقى ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات››تىن كىشىلەر يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ ئىشەنچىنى بىلدى، تومۇرلارنىڭ كۈرەش قىلىش ئۈچۈن تىنىمسىز سوقۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. ‹‹شانلىق نەتىجىلەر ساقلاپ تۇرغانغا ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ، ھەقىقىي ئىشلىگەندىلا قالتىس نەتىجىلەرنى ياراتقىلى بولىدۇ››. يۇرتداشلارنى بېيىش يولىغا يېتەكلەشنىڭ بەخت تەمىنى تېتىشتىن، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش بەدىلىگە كەلگەن تەدبىر بەلگىلەش ئۈنۈمىگىچە، يەنە قىلغان ئىشىنىڭ ‹‹ھەممىسى يۇقىرى سۈپەتلىك›› بولغىنى ئۈچۈن پەخىرلىنىشكىچە، نۇرغۇن ۋەكىل، ئەزانىڭ ھېكايىلىرى ‹‹بەخت كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ، كۈرەش قىلىشنىڭ ئۆزى بىر بەخت›› دېگەن ھەقىقەتنى جانلىق شەرھلەپ بەردى. ‹‹تاما – تاما كۆل بولار››. مىليونلىغان كىشى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ‹‹جۇڭگو›› ناملىق غايەت زور پاراخوتنىڭ دولقۇن يېرىپ، يەلكەن تارتىپ يىراققا سەپەرگە ئاتلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.

  كۈرەش يولى تۈز بولمايدۇ، بەلكى ئەگرى – توقاي بولىدۇ. ئۆتكەن بەش يىلدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر نۇرغۇن زىددىيەت گىرەلەشكەن، تۈرلۈك خەۋپ – خەتەر، خىرىس ئارقا – ئارقىدىن كۆرۈلگەن ئەھۋالدا تەستە قولغا كەلتۈرۈلگەن. كەلگۈسى مۇساپىگە نەزەر سالساق، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزدا يەنە نۇرغۇن جاپا – مۇشەققەت ۋە خەۋپ – خەتەر بار.

  ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ‹‹قاتتىق سۆڭەك››نى قانداق يۇتۇش كېرەك؟ ‹‹سائەت ئۈچ يېرىم مەسىلىسى››نى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ ئىش بېجىرىشتە ‹‹بىر ئىشىكتىن كىرىش››، ‹‹ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىملا قاتراش››نى قانداق ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؟ يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئىختىساسلىقلار كەمتۈكلۈكىنى قانداق تولۇقلاش كېرەك؟ سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنى قانداق ياخشى قوغداش كېرەك؟ مانا مۇشۇنداق قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلار يېڭى دەۋر تەرەققىيات يولىنىڭ تەكشى بولمايدىغانلىقىنى، ھەرقانداق ۋاقىتتا نىشانغا داقا – دۇمباق چېلىش بىلەنلا ئوڭۇشلۇق يەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ تۇرۇپتۇ. تاغقا يولۇققاندا يول ئېچىش، سۇغا يولۇققاندا كۆۋرۈك سېلىش كېرەك، كۈرەش قىلغاندىلا ئاندىن قىيىنچىلىقلارنى يەڭگىلى بولىدۇ، كۈرەش قىلغاندىلا ئاندىن پارلاق يېڭى سەھىپە ئاچقىلى بولىدۇ.

  ‹‹ئارزۇ ئۆزلۈكىدىن ئەمەلگە ئاشمايدۇ، كانىيى يىرتىلغىچە توۋلاپ جاھاننى بىر ئالغاندىن كۆرە، يەڭنى تۈرۈپ ئىشلىگەن ئەۋزەل››، ‹‹<جاۋاب بېرىش>نى ساقلاپ تۇرماستىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن <تەڭلىمىنى يېشىش> كېرەك››. بۇ، كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ خىتابى. ‹‹قۇم ئادەمنى قوغلاش، ئادەم قۇمدىن قېچىش››تىن چۆلنى بوستانغا ئايلاندۇرۇشقىچە، 34 يىل بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى شى گۇاڭيىن شۇ جايدىكى ئاممىنى باشلاپ قۇمنى تىزگىنلەشتە مۆجىزە ياراتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، جاپاغا چىداپ ئىشلەش روھى بولمىسا، بەرداشلىق بەرگىلى بولمايدىكەن. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى لو جيەنخۇڭ ئۇزاق مەزگىل ئۇل تەتقىقاتنىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇردى، ئۇنىڭ نەزەرىدە، ‹‹بىر شەمشەرنى ئون يىل تاۋلايدىغان›› ئىرادە بولمىسا، پەن تەتقىقاتتا مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولمايدىكەن.

  ‹‹جاپا تارتمىغىچە ھالاۋەت يوق››. جاپا – مۇشەققەت بولمىسا ھەقىقىي كۈرەش بولمايدۇ، باش چۆكۈرۈپ ئەمەلىي ئىشلىمىسە، مەنىلىك ھايات ياراتقىلى بولمايدۇ. جاپا – مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش داۋامىدا روھنى پاكلاپ، ئىرادىنى تاۋلاپ، ئىشەنچنى چىڭىتقاندىلا، ئاندىن ‹‹مىڭبىر جاپا – مۇشەققەتلەردە تاۋلىنىش›› ئىرادىسىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ، ‹‹قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇتۇش›› غەيرىتى، ‹‹قىيىنلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىلگىرىلەش›› جاسارىتى بىلەن، يېڭى دەۋرگە مۇناسىپ ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ.

   ‹‹يىلنىڭ بېشى باھاردىن، ئىشنىڭ بېشى سەھەردىن››. كۈرەش قىلىش ۋاقىتقا ئالاھىدە مەنە ئاتا قىلغان، ئۇنىڭغا يېڭى پۇرسەت، يېڭى ئۈمىد مۇجەسسەملەنگەن. نامرات ئامما ئەمگەكچان قولىغا تايىنىپ نامراتلىق يىلتىزىنى يۇلۇپ تاشلاپ، بەختلىك تۇرمۇشقا بارغانسېرى يېقىنلاشماقتا؛ ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش دولقۇنىغا پائال ئاتلىنىپ، ‹‹ئەڭ ياخشى دەۋر››نى كۈتۈۋالماقتا؛ ياشلار ئارزۇنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، پۇختا ۋە ئەستايىدىل بولۇپ، مەيلى شەھەردە ياكى يېزىدا بولسۇن، ‹‹يالقۇنجاۋاتقان›› ياشلىق باھارىنى نامايان قىلماقتا. يېڭى دەۋرنىڭ جۇڭگو ھېكايىسىدە ھەممە كىشى باش قەھرىمان. 2018 – يىلىدىكى مۇشۇ باھاردا، بىز ‹‹ئىككى يىغىن››دا قايتىدىن سەپەرگە ئاتلىنىپ، كەلگۈسى ئۈچۈن بىللە كۈرەش قىلايلى.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 – ئاينىڭ 6 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ