تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

پەرمان سىزىقى پەيدا بولۇشنىڭ سەۋەبى

    ئادەمنىڭ ياشلىق باھارى تولىمۇ قىسقا بولىدۇ، ياشلىق مەزگىلىدىن ئۆتۈپ كەتسىلا ئادەمنى ئاسانلا قېرىلىق باسىدۇ. ئاياللار ئادەتتە 25 ياشتىن ئاشسىلا تېرىسىدە قېرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. بۇرۇننىڭ ئىككى قانىتىنى بويلاپ تۆۋەنگە چۈشكەن ئىككى سىزىق دەل پەرمان سىزىقى بولۇپ، بۇ ئىككى سىزىق قانچە روشەنلەشكەنسېرى ياشنى شۇنچە چوڭ كۆرسىتىدۇ.  تۆۋەندە پەرمان سىزىقى شەكىللىنىشنىڭ سەۋەبى بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز.
    تېرىنىڭ قېرىشتىن بوشىشى: بەزى كىشىلەرنىڭ پەرمان سىزىقى باشقىلارنىڭكىگە قارىغاندا تۇغما چوڭقۇر بولىدۇ، ئەمما ئادەم 35 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن پەرمان سىزىقى روشەن چوڭقۇرلىشىشقا باشلايدۇ. ئېرسىيەت ئامىلىدىن سىرت، ئاساسلىقى ياشنىڭ چوڭىيىىشغا ئەگىشىپ تېرىدىكى كوللاگېنلىق ئاقسىل ۋە سۇ بارا-بارا يوقاپ، تېرە ئاستى مېيى يىگىلەپ ۋە ساڭگىلاپ، تېرىنىڭ بوشىشى ۋە قېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تېرىنىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ ئولتۇرۇشۇپ كېتىشىنى شەكىللەندۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن پەرمان سىزىقى پەيدا بولىدۇ.
    چىراي ئىپادىسى زىيادە كۆپ بولۇش: پەرمان سىزىقىڭىزنىڭ يەنە قايسى سەۋەبتىن شەكىللەنگەنلىكىنى بىلگۈڭىز بارمۇ؟ ئەگەر پەرمان سىزىقىڭىز بۇرنىڭىزنىڭ ئىككى يان تەرىپىدىن ئېغىزىڭىزغىچە داۋاملاشقان بولسا، ئۇنداقتا بۇ سىزىقنىڭ سىزنىڭ ئادەتتە كۆپ كۈلىدىغانلىقىڭىزدىن شەكىللەنگەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
    ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى، كومپيۇتېر، يان تېلېفون قاتارلىقلارنىڭ رادىياتسىيەسى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتىنىڭ رېتىمسىز بولۇشى: ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى، كومپيۇتېر، يان تېلېفون قاتارلىقلارنىڭ رادىياتسىيەسى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتىنىڭ رېتىمسىز بولۇشىمۇ پەرمان سىزىقىنىڭ شەكىللىنىشىنى تېزلىتىدۇ.
    ئۇخلاش ھالىتىنىڭ توغرا بولماسلىقى: ئۇخلىغاندىكى ھالەتنىڭ توغرا بولماسلىقىمۇ پەرمان سىزىقىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ