خەلق تورى خەۋىرى: ھەر يىللىق «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە، ئايال مۇخبىرلار يىغىن مەيدانىدا ئاجايىپ گۈزەل كارتىنىلارنى قالدۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاخباراتچىلارغا خاس كەسپىي ساپاسى ۋە كەسىپنى سۆيۈشتەك روھى كىشىنىڭ ھۆرمىتىنى قوزغىماي قالمايدۇ. «8-مارت» خەلقئارا ئاياللار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن «ئىككى يىغىن » مەيدانىدىكى ئايال ۋەكىللەر، ئايال مۇخبىر، ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن شۇنداقلا، ھەرساھە، ھەر كەسىپتىكى، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە ئىشلەۋاتقان ئايال ئەمگەكچىلەردىن بايراملىق ھال سورايمىز ھەمدە ئۇلارغا بولغان ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.