تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

مەسئۇلىيەت ساداسىنى ياڭرىتىپ، ساداقەت شەمشىرىنى قىنىدىن چىقىرىمەن

  سانجى شەھەرلىك پارتكوم تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىدىن ما يۆ

  بىر مەزگىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى سەپلەر دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى بەس – بەستە، كەڭ دائىرىدە، داغدۇغىلىق قانات يايدۇرۇپ، كۈچلۈك ئىنكاس قوزغاپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى قاتتىق چۆچۈتتى.

  دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى سانجى شەھىرىدىكى كادىرلار، ئامما ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى، بىزنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە، ئۇلۇغ ۋەتەنگە بولغان مىننەتدارلىق ساداسىنى، دۆلەت ۋە خەلققە بولغان ساداقەتمەنلىك ساداسىنى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش ھەققانىيەت ساداسىنى ياڭرىتىشقا رىغبەتلەندۈردى. تەشۋىقات سېپىدىكى جەڭچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن بۇ ئىس – تۈتەكسىز جەڭگاھتا بازىنى چىڭ ساقلاپ، سەپەرۋەر قىلغىلى بولىدىغان بارلىق كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، جامائەت پىكرى ئېگىزلىكىنى ئىگىلەپ، مەسئۇلىيەت ساداسىنى ياڭرىتىمەن، ساداقەت شەمشىرىنى قىنىدىن چىقىرىمەن.

  خاتىرجەم شارائىتتا خەۋپ – خەتەرنى ئويلاپ، شىنجاڭ دۇچ كېلىۋاتقان كەسكىن ۋەزىيەتنى چوڭقۇر تونۇشىمىز كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدا زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى كۆپ يۈز بەردى، ھەر قېتىملىق زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە نەزەر سالساق، ئۇلارنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى، ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› خاتا پىكىر ئېقىمىنىڭ كۆلەڭگىسىنى كۆرۈۋالالايمىز، بۇ خاتا پىكىر ئېقىملىرى راك ھۈجەيرىلىرىدەك كۆپىيىپ، ئاسان يۇقۇملىنىدىغان كىشىلەر توپىنى زەھەرلىدى. شۇڭا بىز چوقۇم شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، بۇ ئىدىيەۋى مەسىلىلەر ھەل قىلىنمىسا، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش›› تۇيغۇسىدىن، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ.

  مەن چوقۇم بايراقنى كۆتۈرۈپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، مەنبەدىن تۈزەپ، خاتا گەپ – سۆزلەرنى تەنقىدلەپ، توغرا قاراشنى پۇختا تۇرغۇزىمەن. شىنجاڭدا مىللىي بۆلگۈنچىلىك يامراپ كەتتى، بۇ، بىزدىن چوقۇم قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، ھەقىقىي تېگىش قىلىپ، تېز زەربە بېرىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە دۈشمەنگە قارشى بىر مەيدان ‹‹يوقىتىش جېڭى›› قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. بىز كۆپ خىل تەشۋىقات شەكلىنى قوللىنىپ، بايرىقىمىز روشەن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر تارقاتقان تۈرلۈك سەپسەتىلەرنى پاش قىلىپ، تەنقىدلەپ، خاتا پىكىر ئېقىمىغا يوشۇرۇنغان جىنايى سۇيىقەستنى ئېنىق سۆزلەپ، ھەر بىر قەلبنى ھەقىقەت نۇرى بىلەن يورۇتۇشىمىز كېرەك. تەشۋىقات، جامائەت پىكرى بازىسىدا، بىز چوقۇم ماركسىزملىق دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، كىشىلەرنى شىنجاڭنىڭ ‹‹ئۈچ تارىخ››ىنى توغرا تونۇشقا يېتەكلىشىمىز كېرەك. مۇشۇنداق مەنىۋى ‹‹كالتسىي›› بىلەن ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ‹‹ئىممۇنىتېت كۈچى››نى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش، مۇقىم قىلىش، ئەمىن تاپقۇزۇشنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي ئاساسىنى پۇختىلاپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك.

  بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى كەم – كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. خىزمەتتە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆتكەن ئىشلارغا نەزەر سېلىپ، مەسىلىلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تېپىپ چىقىپ، ‹‹ئىستىل دۇرۇس بولماسلىق، قىلىدىغاننى قىلماسلىق مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلىق›› دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش تەشۋىقاتىدا تىغ ئۇچىنى دۈشمەنگە قارىتىپ، تېخىمۇ ئۆتكۈر، چوڭقۇر خەۋەرلەرنى بېرىمەن، ئىدىيەنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا، قەلبنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا تېخىمۇ كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىمەن. بىز تىرىشىپ ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئۇزاققىچە بوشاشمىساقلا، چوقۇم ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى كۈرەشنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى بەرپا قىلالايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ