ئۆز خەۋىرىمىز: ئىگىلىنىشىچە، قومۇل شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى، شەھەرلىك ياشانغانلار خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ باركۆل ناھىيەسى شيالوبا يېزىسى شيالوبا كەنتىدە تۇرۇشلۇق « ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش » بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بۇ كەنتكە كەلگەندىن بۇيان، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى نامراتلارنى يۆلەش تۈر قۇرۇلۇشى ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلدى. شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى ۋە باشقا ياردەم بېرىدىغان ئورۇنلار تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق 3 مىليون 700 مىڭ يۈەنگە يېقىن مەبلەغ ھەل قىلىپ، تىرىك مال سودا بازىرى، قازاق مىللىتىنىڭ ئۆزگىچە يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى، مىللىي كەشتىچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپى، ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەركىزى، كەنت ئاھالىلىرى پائالىيەت مەركىزىدىن ئىبارەت بەش نامراتلارنى يۆلەش قۇرۇلۇش تۈرىنى يولغا قويۇپ، شۇ جايدىكى قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەردىكى 50 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.
باركۆل ناھىيەسىدىكى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى
مۇھەررىر :
خالمۇرات غوپۇر
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2018/03/08 12:53
كەنت ئاھالىلىرى قازاق مىللىتىنىڭ ئۆزگىچە يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىدا سۈت مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلىمەكتە.
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.