شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3-ئاينىڭ 7-كۈنى تېلېگراممىسى: جۇڭگو ئاۋىياتسىيە ترانسپورتى جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش باشلىقى لى جۈن 3-ئاينىڭ 7-كۈنى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۇنيا خەلق ئاۋىياتسىيە كەسپىنىڭ يېڭى گۈللىنىش دەۋرىگە كىرىشىگە ئەگىشىپ، ئېلىمىزنىڭ ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت كەسپى يەر شارى بويىچە يوشۇرۇن كۈچ ۋە ھاياتىي كۈچى ئەڭ زور ئاۋىياتسىيە ترانسپورت بازىرىغا ئايلاندى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق كۈچلۈك تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلايدۇ.
لى جۈن مۇنداق دېدى: ئېلىمىز ھازىر خەلق ئاۋىياتسىيەسى چوڭ دۆلىتىدىن خەلق ئاۋىياتسىيەسى كۈچلۈك دۆلەتكە قەدەم قويدى. كۆپ خىل قاتناش ۋاستىلىرى ئىچىدە، مەيلى يولۇچى توشۇش مىقدارى ياكى يولۇچى ئوبوروت مىقدارى بولسۇن، خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2017-يىلى ئېلىمىزنىڭ خەلق ئاۋىياتسىيەسى تاماملىغان ترانسپورت ئوبوروت مىقدارى 108 مىليارد 300 مىليون توننا كىلومېتىر، يولۇچى توشۇش مىقدارى 549 مىليون ئادەم (قېتىم) گە يەتكەن بولۇپ، يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى ئايرىم ھالدا %12.5 ۋە %12.6 بولغان.
لى جۈن مۇنداق دېدى: خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ «13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىدىكى ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت ئومۇمىي ئوبوروت مىقدارىنىڭ كۆزلىمە ئېشىش مىقدارىغا ئاساسلانغاندا، خەلق ئاۋىياتسىيەسى ترانسپورت ئوبوروت مىقدارى 80 مىليارد توننا كىلومېتىردىن 140 مىليارد توننا كىلومېتىردىن ئارتۇقراققا ئاشۇرۇلىدىغان بولۇپ، بۇ ئۆلچەمگە يېتىشكە ئامېرىكا 14 يىل ۋاقىت سەرپ قىلغان، بىراق ئېلىمىز بۇنى بەش يىلدا ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى پىلانلىدى، بۇنىڭدىن شەكىللەنگەن بىخەتەرلىك بېسىم خەتىرى ئىلگىرىكىدىن تېخىمۇ چوڭ، پۈتۈن ساھە چوقۇم بىخەتەرلىكنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىگە قەتئىي يول قويماسلىقنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.