13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى 3 – ئاينىڭ 6 – كۈنى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات››نى قاراپ چىقتى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، كېرىيە ناھىيەسى لەڭگەر يېزىلىق خەلق ئىشلىرى ئىجتىمائىي كاپالەت پونكىتىنىڭ كادىرى رۇقىيەم مەتسەيدى (سولدا) ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات››نى قاراپ چىققاندا، شەھەر – يېزىلارنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىنى مۇقىم ئۆستۈرۈش، ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش ئۆلچىمى، ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدا سۆز قىلدى.( سۈي جىجيەن فوتوسى)
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزاسى ۋۇ گاڭ 3 – ئاينىڭ 6 – كۈنى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات››، پىلان دوكلاتى، خامچوت دوكلاتىنى مۇزاكىرە قىلغاندا شىنجاڭدا يېشىل ئېلېكتىرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى. ( لۇ مىنيى فوتوسى )