گۈرۈچ سۈيى بىلەن دانىخورەك ئىزىنى سۇسلاشتۇرۇش ئۇسۇلى. گۈرۈچنى ئىككىنچى قېتىم چايقىغان سۇدا يۈزىڭىزنى يۇيۇڭ. ھەر قېتىم يۈزىڭىزنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، گۈرۈچ سۈيىنى ئىسسىتىۋېلىپ، يۈزىڭىزنى يۇيسىڭىز دانىخورەك ئىزى سۇسلايدۇ.
گۈرۈچ سۈيى تېرىنى تېخىمۇ ئاقارتىپ، چۆكۈپ قالغان دانىخورەك پىگمېنتىنى يوقىتىدۇ. ئەمما بۇ ئۇسۇلنى ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. ھەر قېتىم يۈز يۇيغاندا، سۇغا ئىككى تامچە ئاق ئاچچىقسۇ تېمىتىۋېتىپ يۇيسىمۇ، چۆكۈپ قالغان پىگمېنتلەرنى يوقۇتۇپ، دانىخورەك ئىزىنى سۇسلىتىدۇ.
تۇخۇم ۋە مەرۋايىت تالقىنى بىلەن دانىخورەك ئىزىنى سۇسلاشتۇرۇش ئۇسۇلى. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى تۇخۇم بىلەن مەرۋايىت تالقىنىنىڭ ئاقارتىش رولى بارلىقىنى بىلىدۇ. تۇخۇم ئېقى بىلەن مەرۋايىت تالقىنىنى ئارىلاشتۇرۇپ يۈزگە سۈرۈپ بەرسە دانىخورەك ئىزلىرى سۇسلايدۇ.
ئالما بىلەن دانىخورەك ئىزىنى سۇسلاشتۇرۇش ئۇسۇلى. ئالمىمۇ دانىخورەك ئىزىنى يوقۇتۇشتا ئالاھىدە ئۈنۈمگە ئىگە. يالپاقدالغان ئالمىنى قايناقسۇغا بېسىۋېتىپ يۈز كۆيمىگۈدەك ھالەتتە سەل سوۋۇتىۋالغاندىن كېيىن، يۈزگە چاپلاپ بەرسە دانىخورەك ئىزى سۇسلايدۇ.
قېتىق بىلەن دانىخورەك ئىزىنى سۇسلاشتۇرۇش ئۇسۇلى. قېتىق بىلەن دانىخورەك ئىزىنى يوقۇتۇش ئۇسۇلى بىر قەدەر ئاددىي بولۇپ، ئالاھىتەن قېتىق سېتىۋېلىش ھاجەتسىز، پەقەت ھەر قېتىم قېتىق ئىچكەندە ئېشىپ قالغىنىنى دانىخورەك ئىزى بار ئورۇنغا سۈرسە، دانىخورەك ئىزى سۇسلايدۇ.