دائىم لىۋىڭىز يېرىلىپ ياللۇغلىنامدۇ؟ بۇ بەلكىم بەدىنىڭىزدە مەلۇم خىل ۋىتامىننىڭ كەملىكىنىڭ ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن.
لەۋ يېرىلىش، جاۋغاي ياللۇغى
ۋىتامىن B2 بەدەندىكى توقۇلما ۋە يارا ئېغىزلىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم بېرىدىغان بولۇپ، ۋىتامىن B2 كەمچىل بولسا لەۋ ئەتراپى يېرىلىدۇ ياكى ياللۇغلىنىپ تۆشۈك ئېچلىپ قالىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ۋىتامىنB2 تېرە ۋە چاچنىڭ ئۆسۈشى ۋە ساغلاملىقىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ۋىتامىن B2 بەدەندە ئۆزلۈكىدىن ساقلانمايدىغان بولغاچقا، يېمەكلىك ياكى ئوزۇقلۇق تولۇقلاش مەھسۇلاتلىرى ئارقىلىق تولۇقلاشقا توغرا كېلىدۇ.
ھەر كۈنى 250 مىللىلېتىر سۈت ئىچسە ۋىتامىن B2 تولۇقلاشقا پايدىلىق، بۇنىڭدىن سىرت، قېرىنقۇلاق، يەر ياڭىقى، كۈنجۈت، ئۆرۈك قاتارلىقلاردىمۇ ۋىتامىنB2 ئىنتايىن مول. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، ھەر كۈنى ئەرلەر 1.3 مىللىگىرام ، ئاياللار 1.1 مىللىگىرام ئەتراپىدا ئىستېمال قىلسا ئەڭ مۇۋاپىق.