تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدىن ھۆكۈمەتنىڭ ئالاھىدە ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولۇشقا 53 كىشى تاللىنىدۇ

    شىنجاڭ تورى خەۋىرى. بۇ يىل شىنجاڭدىن ھۆكۈمەتنىڭ ئالاھىدە ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولۇشقا 53 كىشى تاللىنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى 48 ئادەم، يۇقىرى ماھارەت ئىختىساسلىقلىرى بەش ئادەم بولۇپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەر قايسى ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرى (شەخسلەر) ئاپتونوم رايونلۇق كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى ئۇنۋانىنى باھالاش تورى (www.xjzcsq.com) غا چىقىپ، «ھۆكۈمەتنىڭ ئالاھىدە ياردەم پۇلى» ئىستونىدا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

     «ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2018-يىلى ھۆكۈمەت ئالاھىدە ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلارنى تاللاش، تەۋسىيە قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ئورگان تور بېكىتى (http://www.xjrs.gov.cn) دە ئېلان قىلىندى.

    ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ (بىڭتۈەن ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) خىزمەت داۋامىدا ئالاھىدە تۆھپە قوشقان ئىلغار كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى ۋە يۇقىرى ماھارەت ئىختىساسلىقلىرى بولۇپمۇ، كەسپىي تېخنىكا ۋە يۇقىرى ماھارەتلىك خىزمەت ئورنىدا گەۋدىلىك نەتىجە ياراتقان مۇنەۋۋەر يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئىختىساسلىقلار ۋە ئەمەلىي قوللىنىشچان ئىختىساسلىقلار تاللاشقا قاتناشسا بولىدۇ. «يۈز، مىڭ، ئون مىڭ كىشىلىك ئىختىساسلىقلار پىلانى قۇرۇلۇشى»، «تىيانشان ئىختىساسلىقلىرى پىلانى» قاتارلىق يۇقىرى قاتلام ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش تۈرىدىكىلەر ئالدىن تەۋسىيە قىلىنىدۇ ۋە تاللىنىدۇ.

    دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، كەسپىي تېخنىكا خىزمىتى ۋە ماھارەت خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىرى، مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىدىكى رەھبەرلىك ۋەزىپىسىدىكىلەر ھەمدە مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى تەمىناتتىن بەھرىمەن بولىدىغانلار، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ ئىلتىماس قىلىشىغا بولمايدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ ئالاھىدە ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقانلارنىڭ قايتا ئىلتىماس قىلىشىغىمۇ بولمايدۇ.

    گوۋۇيۈەننىڭ ھۆكۈمەت ئالاھىدە ياردەم پۇلى سىياسىتى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان بولۇپ، ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم باھالىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ