ئالاھىدە شورپا: مۇۋاپىق مىقداردا كۆپ يوپۇرماقلىق قامچىئوت (何首乌) بىلەن سېرىق يۆگەي (菟丝子)، بەش تال چىلان، ئىككى قوشۇق قارا كۈنجۈت تالقىنى، بىر قوشۇق قارا پۇرچاق ئۇنى تەييارلىۋالغاندىن كېيىن، مىڭ مىللىلېتىرلىق سۇ بىلەن قاينىتىمىز، سۇ قاينىغاندا ھەسەل قۇيۇپ ئون مىنۇتتىن كېيىن ئىچسەك بولىدۇ. بۇ خىل شورپىنى ئەتىگەن ۋە كەچتە بىر قېتىمدىن جەمئىي ئۈچ باسقۇچ (ھەر بىر باسقۇچ 20 كۈن) ئىچىپ بەرسەك ئاقىرىپ كەتكەن چاچلار قارىيىدۇ.
گۈرۈچ سۈيى: گۈرۈچ سۈيىدىمۇ چاچ يۇيۇشقا بولىدۇ، چۈنكى گۈرۈچ سۈيىنىڭ تەركىبىدە مول مىقداردا ئاقسىل ۋە ۋىتامىن بار بولۇپ، چاچنى تېخىمۇ ئوزۇقلاندۇرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئاق چاچنى قارايتىش ئۈچۈن ئادەتتە چاچنى قارايتىدىغان ئوزۇقلۇق ماددىلارنى كۆپرەك يەپ بېرىش كېرەك.
ھەسەل ئاپېلسىن چېيى: ھەسەل ئاپېلسىن چېيىنى ھەر كۈنى بىر ئىستاكاندىن ئىچىپ بەرسە ۋىتامىن C نى تولۇقلايدۇ، ھەمدە ئاق چاچنى قارايتىدۇ.
زەنجىۋىل چېيى: زەنجىۋىل چېيىنى ئۇزۇن مەزگىل ئىچىپ بەرسە چاچنى قارايتىدۇ.
توشقان زەدىكى: توشقان زەدىكىدە بەش خىل مىكرو ئېلېمېنت، 10 خىلدىن كۆپرەك ۋىتامىن، 15 خىل مىكرو ئامىنو كىسلاتاسى بار بولۇپ، چاچنى قارايتىش رولىغا ئىگە.
چوڭ چىلان: چوڭ چىلان قورساقنى ئاسان تويغۇزىدۇ ھەم يېيىشلىك، مۇھىمى چاچنى قارايتىش رولىغا ئىگە.
ئاچچىقسۇغا چىلانغان قارا پۇرچاق: ئاچچىقسۇغا چىلانغان قارا پۇرچاقنىڭ تەركىبىدە ھەر خىل ئېلېمېنت مول بولۇپ، چاچتىكى قارا پىگمېنتنى ياخشىلاپ، قارا چاچنىڭ ئۆسۈپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.