تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يېڭى دەۋردە كۈرەش قىلىش ئۇلۇغۋار كۈچىنى مۇجەسسەملەيلى

 ــــ 13– نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1– يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

  ئىللىق باھار يېتىپ كېلىپ، بارچە مەۋجۇدات ئويغاندى. پۈتۈن دۇنيا كۆز تىكىۋاتقان 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنى بۈگۈن داغدۇغىلىق ئېچىلدى. كېيىنكى ئون نەچچە كۈندە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3000غا يېقىن يېڭى بىر نۆۋەتلىك ۋەكىلى دۆلەتنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانلىرىنى ئورتاق كېڭىشىپ، يېڭى دەۋرنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات بۈيۈك پىلانىنى تۈزىدۇ. يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!

  پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دۆلىتىمىزنىڭ مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى سۈرەتلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى. 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى ۋە رېۋىزىيە قانۇنى لايىھەسىنى قاراپ چىقىدۇ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنى سايلايدۇ ۋە ۋەزىپىگە تەيىنلەشنى قارار قىلىدۇ، تەسىرى چوڭقۇر زور بىر قاتار ئىشلارنى قارار قىلىدۇ. بۇ يىغىننى ياخشى ئېچىش پارتىيەنىڭ تەشەببۇسى ۋە خەلقنىڭ ئارزۇسىنى دۆلەتنىڭ ئىرادىسىگە مۇجەسسەملەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  ئۆتكەن بەش يىلدا، 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى پارتىيە 18 – ۋە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتىنى زىچ چۆرىدەپ، قانۇن بويىچە خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزدى. مەيلى 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، لياۋنىڭدىكى سايلامدا ئاۋاز توپلاپ، پارا بېرىپ سايلىنىش دېلوسىدىكى ئالاھىدە مەسىلىلەرنى تۈزۈم ئورنىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ۋاقتىدا مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش بولسۇن، ياكى قانۇن بويىچە شياڭگاڭنىڭ نېگىزلىك قانۇنىنىڭ 104 – ماددىسىنى چۈشەندۈرۈش، دۆلەتنىڭ رېۋىزىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلىش بولسۇن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چوڭ ئىش، مۇھىم ئىشلاردا مەسئۇلىيىتىنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ ياخشى ئىشلىگەچكە، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ خىزمەتلىرى ئۈنۈملۈك ۋە نەتىجىلىك بولدى. ئۇلار بەش يىلدىن بۇيان، ۋەزىپىسىنى، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، خەلق خوجايىن بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ھەقىقىي باغلاش، ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى ئىش قىلالايدىغان، ئىشنى ياخشى قىلىدىغان، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغان بولۇشقا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىدىغان تۈپ سىياسىي تۈزۈم.

  بەش يىلدىن بۇيانقى مۇساپىنى ئەسلىسەك، شۇنداق روشەن يەكۈن چىقىرىشقا بولىدۇكى، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى ۋە ئەڭ زور ئەۋزەللىكى، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ كاپالىتى ۋە ئاچقۇچى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئىلمىي نەزەرىيە يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلىدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تەرەققىياتىنىڭ تەلىپىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئاڭلىق ھالدا ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلغاندىلا، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى جانلىق ھاياتىي كۈچكە تولىدۇ، دەۋر ئالاھىدىلىكىنى تېخىمۇ نامايان قىلىدۇ.

  يېڭى دەۋردىكى نىشان – ۋەزىپىلەرگە نەزەر سالغىنىمىزدا، شۇنداق بىر تەلەپنى چوقۇم ئەستە چىڭ ساقلاش كېرەككى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، خەلق خوجايىن بولۇشنى دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشى ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەر بىر ۋەكىلى ئۈچۈن ئېيتقاندا، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش ھەرگىزمۇ ئابستراكت ئۇقۇم ئەمەس، ئۇنى خەلقنىڭ ساداسىغا ئىنكاس قايتۇرۇشتا، ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا خەلقنىڭ ئىرادىسىگە ھۆرمەت قىلىش، خەلقنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، خەلقنىڭ بەخت – سائادىتىنى ئاشۇرۇش، خەلقنىڭ ئىجادكارلىق ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشتا، ھوقۇقنى خەلق ئۈچۈن ئىشلىتىش، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا نامايان قىلىپ، خەلقنىڭ نازارەتچىلىكىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان نۇقتىلىق مەسىلە، قىيىن مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك.

  قانۇنچىللىق دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ ئاساسىي ئۇسۇلى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشىمىزنىڭ مۇھىم بىر تەرىپى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق سىستېمىسى بەرپا قىلىش، سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇشتۇر. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يېڭى تەلەپلەرنى قويدى. قانۇن چىقىرىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇن چىقىرىشنىڭ يېتەكچىلىك ۋە تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، قانۇنچىللىق ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىسلاھات داۋامىدا قانۇنچىللىقنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ ئاساسىي قانۇن، قانۇنلاردا يۈكلەنگەن نازارەتچىلىك ھوقۇقىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلىتىپ، قانۇننىڭ توغرا، ئۈنۈملۈك يۈرگۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشنى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىش، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا رىئايە قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان، نى – نى ئىشلارنى قىلالايدۇ.

  2018 – يىلى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ باشلىنىش يىلى، شۇنداقلا 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى قانۇن بويىچە ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىدىغان تۇنجى يىل. ئۆتكەننى ئەسلىسەك، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى خەلق ئىچىدە يىلتىز تارتقان، مەۋقەنى دەۋرگە قويغان بولۇپ، كۈچلۈك ھاياتىي كۈچ ۋە روشەن ئەۋزەللىككە ئىگە. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى يېڭى دەۋردە يېڭى كەيپىيات يارىتىدۇ، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى دەۋردە كۈرەش قىلىش ئۇلۇغۋار كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، خەلق ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، خەلق بىلەن بىرلىكتە كۈرەش قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتەيلى.

   يىغىننىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشىغا تىلەكداشمىز!

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 – ئاينىڭ 4 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ