تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرەيلى

   ـــ ج ك پ 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (3)

  ‹‹خەلق گېزىتى›› ئوبزورچىسى

  ج ك پ 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش باش نىشانىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئىسلاھاتنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىدىن پىلانلىدى ۋە ئىلگىرى سۈردى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئەتراپلىق پىلانلاپ ۋە سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئۆزىنى ئۆزى مۇكەممەللەشتۈرۈشى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم قەدەم باستى. ج ك پ 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتا جەزمەن پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىندا پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش تۆت جەھەتتىن ئورۇنلاشتۇرۇلدى: پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ۋە فۇنكسىيەنىڭ تەقسىملىنىشىنى ئەلالاشتۇرۇش؛ پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش؛ يەرلىك ئاپپاراتلارنى مۇۋاپىق تەسىس قىلىش. مۇشۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى سەۋەب شۇكى، بىزنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىمىز پارتىيەنىڭ ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي ئاپپاراتلىرىنى ئەلالاشتۇرۇش ئارقىلىق ئاپپارات فۇنكسىيەسى جەھەتتە پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىكىگە دائىر تۈزۈلمە – مېخانىزم مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئۇزاققىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش شارائىتىدا دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئاپپارات فۇنكسىيەسى مۇناسىۋىتىگە دائىر مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدىن ئىبارەت بۇ ئەڭ چوڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇشنى مۇكەممەل، كۈچلۈك تۈزۈلمە – مېخانىزم كاپالىتىگە، پۇختا تەشكىلىي ئاساسقا ۋە ئۈنۈملۈك خىزمەت سىستېمىسىغا ئىگە قىلىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت. ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى بولۇپ، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى، ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشنى چەكلەيدىغان تۈزۈلمە – مېخانىزم ئىللەتلىرىنى قەتئىي تۈگىتىش كېرەك. ھالبۇكى، پارتىيەنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، ئاپپارات فۇنكسىيەسىنى ئەلالاشتۇرۇش، ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇقەررەر ھالدا بىزدىن پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، خەلق تەشكىلاتلىرى ئاپپارات ئىسلاھاتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ مەسئۇلىيەت مۇناسىۋىتىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.

  مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەرنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك، ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۆت جەھەتتىكى ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىسىدا يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ماس كەلمەيدىغان ساھەلەر، ھالقىلار ۋە تەرەپلەر نىشانلىنىپ ھەم مەۋقە بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يېتىشكە قويۇلۇپ، گەۋدىلىك زىددىيەتلەرگە قارىتا، مۇھىم نۇقتا تۇتۇلۇپ، كەمتۈكلۈك تولۇقلىنىپ، ئاجىز تۈرلەر كۈچەيتىلىپ، خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدى ئېلىنىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت فۇنكسىيەسى جەھەتتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش كاپالەتكە ئىگە قىلىندى؛ ھەم ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش نەزەردە تۇتۇلۇپ، يىراق كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك تۈزۈلمە – مېخانىزم مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىلىپ، ئاساس سېلىنىپ، تىرەك ھازىرلىنىپ، قۇرۇلما بېكىتىلىپ، تېخىمۇ مۇكەممەل جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى شەكىللەندۈرۈشكە پايدىلىق شارائىت يارىتىلدى. بۇ ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، چوقۇم پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشنى يېتەكچى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يۆنىلىش، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئەلالاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۆزلەش نۇقتىسى قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى، رېۋىزىيە ئورگىنى، سوت قىلىش ئورگىنى، تەپتىش ئورگىنى، خەلق تەشكىلاتلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار قاتارلىقلارنىڭ پارتىيەنىڭ بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە ھەرىكىتىنى ماسلاشتۇرۇش، بىرىكمە كۈچىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك.

  بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىندا يەنە ئاپپارات ئىشتاتىنى قانۇندا بەلگىلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىندى. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئاپپارات ئىشتاتىنى ئىلمىيلاشتۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇندا بەلگىلەش نىسبەتەن ئارقىدا بولۇپ، ئاپپارات ئىشتاتىنى باشقۇرۇش شەكلىنى ياخشىلاشقا توغرا كېلىدۇ. پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ قانۇن – تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاپپارات ئىشتاتىنى باشقۇرۇشتىكى قاتتىق چەكلىمىنى كۈچەيتىپ، ئاپپارات ئىشتاتىغا دائىر ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ھەر خىل تەشكىلات، ئاپپاراتلارنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇپ، ئاپپارات، فۇنكسىيە، ھوقۇق چېكى، تەرتىپ، مەسئۇلىيەتنى قانۇندا بەلگىلەشنى تېز ئىلگىرى سۈرگەندىلا، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى مۇھىم كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ. ھەرقانداق ئىش ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە باغلىق. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى كەم – كوتسىز، ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرسەكلا، بىز چوقۇم سىستېمىسى مۇكەممەل، قېلىپلىشىشى ئىلمىي، يۈرۈشۈشى يۇقىرى ئۈنۈملۈك پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى فۇنكسىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرالايمىز.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 – ئاينىڭ 2 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ